UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا نۇرغۇن <تەبىئىي كۆۋرۈك> بار؟

نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا نۇرغۇن <تەبىئىي كۆۋرۈك> بار؟

نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۈيجۇ، گۇاڭشى ئەتراپلىرىدىكى ياپيېشىل تاغ جىلغىلىرىدا نۇرغۇن تاش كۆۋرۈكلەر ئىككى تەرەپنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. كۆۋرۈكتە قوپۇرۇپ تۇتاشتۇرۇلغان ئىز يوق، پۈتكۈل كۆۋرۈك بىر گەۋدە بولۇپ، خۇددى بىر پارچە غايەت زور تاشنى ئويۇپ چىققاندەكلا كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ - شۇ يەردىكى كىشىلەر دائىم ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان <تەبئىي كۆۋرۈك>. تەبىئىي كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسى ھاك تاش رايونىغا جايلاشقان، چۈنكى بۇ خىل تاغ جىنىسلىرى تەبىئىي كۆۋرۈكنىڭ <ئۆسۈپ - يېتىلىشى> ۋە <دۇنياغا كېلىشى> گە ناھايىتى ماس كەلگەن. ھاك تاشنىڭ ئاساسى تەركىبى كالتسىي كاربونات بولۇپ، تەركىبىدە كاربون كىسلاتاسى بولغان سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا ھەر قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئورگانىك ماددىلار ناھايىتى ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ كاربونات كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ كۆپىنچىسىدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ. يامغۇر سۈيى تەركىبىدە كاربونات كىسلاتاسى بولغاچقا، يامغۇر سۈيىنىڭ ھاك تاشنى چىرىتىش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. يامغۇر سۈيى ئۇزاق يىللار تاغ جىنىسلىرىنىڭ يېرىقلىرىدىن ئاققاچقا، ئەتراپىدىكى تاغ جىنىسلىرىنى خۇددى پىچاقتا تىلغاندەك <نەققاشلاپ>ئۆتىدۇ. يامغۇر سۈيى بۇ يېرىقلارنى كۆپلەپ چىرىتقانسېرى، تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئۈستى ئېرىپ ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بەزىدە كىسلاتالىق يامغۇر سۈيى تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئاستىنى <تېشىپ ئۆتىدۇ>، نەتىجىدە تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئاستى <كاۋاكلىنىدۇ>، لېكىن تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىلىرى پەيدىنپەي بىر تاش كۆۋرۈككە ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق جەريان بىر قانچە مىليون يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، بەزى تاغ جىنىسلىرى ئاشۇنداق ئەگمە ھاسىل قىلىپ تەبىئىي ئەگمە ھالەتتىكى تاش كۆۋرۈك شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر <تەبىئىي كۆۋرۈك> دەپ ئاتايدىغان تاش كۆۋرۈكتۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا نۇرغۇن <تەبىئىي كۆۋرۈك> بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki