نېمە ئۈچۈن تېلېفون ئۇرغاندا بەزىدە ئەكس سادا پەيدا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەكىس سادا ھەر قانداق جايدا مەۋجۇت. مەسىلەن، بىز تاغ جىلغىسىدا تۇرۇپ ئۈنلۈك ۋارقىرىساق، شۇ ھامان قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئەكىس سادانى ئاڭالايمىز. بۇ، ۋارقىرىغان ئاۋازىمىزنىڭ يىراقلاردىكى تاشلارغا ئۇرۇلۇپ قايتىپ كەلگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. نېمە ئۈچۈن تاغ جىلغىسىدا تۇرۇپ قاتتىق ۋارقىرىساق ئەكىس سادا ئاڭلىنىدۇ، ئەمما ئادەتتە ئۈنلۈك ۋارقىرىساق نېمە ئۈچۈن ئەكىس سادا ئاڭلانمايدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋازنى قايتۇرۇىدىغان <ئەكىس سادا تېمى> دىن باشقا يەنە <ئەكس سادا تېمى> بىلەن ئاۋاز مەنبەسى ئارىسىدا مۇۋاپىق ئارىلىق بولۇشى كېرەك. ئاۋازنىڭ ھاۋادىكى تارقىلىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا تەخمىنەن 330 مېتىر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن <ئەكس سادا تېمى> بەك يېقىن بولسا، ئەكس سادا بىلەن ئەسلى ئاۋاز بىرلىشىپ كېتىپ ئەكس سادانى پەرق ئەتكىلى بولماي قالىدۇ. <ئەكس سادا تېمى> بەك يىراق بولسا، ئاۋاز ئاجىزلاپ كېتىپ ئەكس سادانى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ.
ئوخشاشلا، تېلېفون ئۇرغاندىمۇ ئەكس سادا پەيدا بولىدۇ. بىراق، تېلېفوندىن تارقالغان ئەكس سادا ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئەكس سادا بولماستىن، ئاۋاز يەتكۈزىدىغان ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ قايتىشىدۇر. ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر بولىدۇ. ئادەتتە شەھەر ئىچى تېلېفونىنىڭ ئارىلىقى بەك يېقىن بولغاچقا، ئەكس سادا ناھايىتى تېز پەيدا بولىدۇ. بۇنى بىز ھېس قىلالمايمىز. لېكىن، خەلقئارالىق تېلېفون ئۇرغاندا، بۇ خىل ئەكس سادانى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. خەلقئارالىق تېلېفون ھاۋادىكى ماس قەدەملىك ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. ماس قەدەملىك ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 36 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون سىگنالى A ئۇچتىن B ئۇچقا يەتكۈزۈلگىچە تەخمىنەن 150 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن يېرىم سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ. ۋاقىت پەرقى يېرىم سېكۇنت بولغان ئەكس سادانى كىشىلەر پەرق ئېتەلەيدۇ. بۇ تېلېفونلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپكە ئېغىر كاشىلا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، مۇتەخەسسىسلەر ئەكس سادانى يوقىتىش، ئەكىس سادانى تۆۋەنلىتىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئەكس ساداغا تاقابىل تۇرماقتا.