UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قىزىغان ھامان قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن قىزىغان ھامان قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى قىزىپ قالسىلا، دەرھال قىزىتما قايتۇرىدىغان دورا ئىچۈرىدۇ، بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس. مىكروب، كېسەل ۋىرۇسى، پارازىت قۇرت ئادەم تېنىگە تاجاۋۇز قىلغاندا ياكى ئادەم تېنىدىكى مەركىزىي نېرۋا، ئىچكى ئاجراتما ئورگانىزملىرى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقاندا، قىزىتما پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە، قىزىش ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل قوغدىنىش ئىنكاسى، بەدەن قىزىغاندا ئادەمنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. بىمارنىڭ قىزىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، ئەگەر قىزىغان ھامان قىزىتما قايتۇرىدىغان دورىنى ئىچسە، كېسەل ئەھۋالى يوشۇرۇنۇپ قېلىپ، دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قويۇشىغا تەسىر يېتىدۇ - دە، ۋاقىت كېچىكىپ كېتىپ، كېسەل ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى خالىغانچە يېگەندىن كېيىن، كېسەللىكنى يوقاتقىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكىسچە كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بالا قىزىپ قالغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بوش قىزىۋاتقانلىقى (37.5 سېلسىيە گرادۇستىن 38.5 سېلسىيە گرادۇسقىچە) ئوتتۇراھا قىزىۋاتقانلىقى (38 سېلسىيە گرادۇستىن 39 سېلسىيە گرادۇسقىچە)، ياكى بەك قىزىۋاتقانلىقى (39 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى) نى پەرق ئېتىش كېرەك. ئەگەر بوش قىزىۋاتقان بولسا، ئادەتتە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچىش ھاجەتسىز، ئازراق سۇ ئىچىپ، دەم ئېلىپ، ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتىپ، يەڭگىل تاماقلارنى يېسە كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر بەك قىزىپ كەتكەن بولسا، ياكى قىزىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولسا، بىمارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، دوختۇرغا كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تاپقۇزۇش ھەمدە قىزتما قايتۇرۇش دورىسى بېرىپ قىزىتمىنى قايتۇرۇش كېرەك. چۈنكى بىمارنىڭ بەك قىزىغان ۋاقتى ئۇزاق داۋاملاشسا، سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ناچار ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلار بىلەن بالىلار بەك قىزىپ كەتسە، دەرھال دورا بېرىپ قىزىتمىنى قايتۇرۇش ھەم ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سوغۇق لۈڭگىنى پېشانىسىگە قويۇش، بەدىنىنى سۈرتۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قىزىتمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز چۈشۈرۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە