بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار تۆمۈر تولۇقلاش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۆمۈر بولسا قان پەيدا بولۇشنىڭ ئەسلى ماتېرىيالى، تۆمۈرنىڭ كەم بولۇشى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا مەلۇم تاماققا بولغان خۇمارنى قوزغاپ، تۆمۈر كەم بولۇش تۈپەيلىك قانسىراش ياكى تۆمۈرنى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ شۇنداقلا تۇغقان ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا قان كېلىش ياكى تۇغقاندىن كېيىن كۆپ مىقداردىكى تۆمۈرنىڭ يامان خاراكتېردە ئاجرىلىشى تۈپەيلىدىن، تۇغۇتتىن كېيىنكى بالا ئېمىتىش ۋاقتىدىمۇ تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر تولۇقلاش يېتەرلىك بولمىسا، ئوڭايلا تۆمۈر خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم سۈتنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇخىل تەسىر يەنە بالىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار بولۇپمۇ بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئاياللار مۇۋاپىق ھالدا تۆمۈر تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. نورمال ئادەم بىر كۈندە 15 مىللىگرام تولۇقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار 45 مىللىگرام ئەتراپىدا تولۇقلىسا بولىدۇ.