UyghurWiki
UyghurWikiنەمە<چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۆتكىلىش> تەلىماتىنى كىم ئوتتۇرىغا قويغان؟

<چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۆتكىلىش> تەلىماتىنى كىم ئوتتۇرىغا قويغان؟

نېمە ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن <چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۆتكىلىش> تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى گېرمانىيىلىك ئالىم ۋېگېنو. 1910 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، ۋېگېنو سالامەتلىكى ياخشى بولماي كارىۋاتتا ياتقانىدى. ئۇ كۆزىنى تامدا ئېسىقلىق تۇرغان دۇنيا خەرىتىسىگە تىككىنىدە، كۈتمىگەن يەردىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىزناسىنىڭ شۇ قەدەر دەل جىپسىلىشىدىغانلىقىنى، شەرقىي قىرغاقتىكى ئويمان قىسمىنىڭ دەل غەربىي قىرغاقتىكى چوقچىيىپ تۇرغان قىسمىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ برازىلىيىنىڭ شەرقىي تەرىپى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ تىلسىملارچە جىپسىلىشىدىغانلىقىنى، خۇددى بىر پۈتۈن گەۋدىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەندەكلا تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بايقىشىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپ، بىتابلىقىنى ئۇنتۇپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ خەرىتىنى قايچا بىلەن قىيىۋېلىپ، قايتا بىرلەشتۈرىدۇ، ئېرىشكەن نەتىجە ئۇنى قاتتىق رازى قىلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق ھەقىقەتەن جىپسىلىشىپ بىر گەۋدە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋېگېنونىڭ مىڭىسىدە بەلكىم بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق ئەسلىدە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، كېيىن ئاستا - ئاستا ئايرىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياس پەيدا بولىدۇ. ۋېگېنو ئۆز تەسەۋۋۇرىنى دەلىللەش ئۈچۈن كۆپلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى، يەر قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى ۋە قەدىمىي ھاياتلىقلار تارىخى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپى، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىن ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغىچە ئەسلىدە بىر پارچە چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ بۇلار كېيىن ئىككى بۆلەككە پارچىلانغان. شۇڭا، ئۇ 200 - 300 مىليون يىل بۇرۇن يەر شارىدا پەقەت بىر پۈتۈن چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى بىياپايان دېڭىز - ئوكيان ئىدى، بۇ چاغدا قەدىمكى چوڭ قۇرۇقلۇق خۇددى كۆچمە مۇزدەك يەر شارىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى <ئاستېنوسفېرا> دا لەيلەپ تۇراتتى. قۇياش بىلەن ئاي شارىنىڭ تارىتش كۈچىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۇ ئاستا - ئاستا يۆتكىلىپ بىر - بىرىدىن پەيدىنپەي ئايرىلىپ، ئاخىرى بۈگۈنكى كۈندىكى مۇشۇنداق جايلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
<چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۆتكىلىش> تەلىماتىنى كىم ئوتتۇرىغا قويغان؟ | UyghurWiki | UyghurWiki