بالىلار نېمە ئۈچۈن يېتىرقايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار ئالتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپ يېتىرقاشقا باشلايدۇ، ئاتا - ئانىلار بالىلار چوڭ بولغانسېرى ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بىراق، بەزى بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىمۇ يېتىرقاش تۇيغۇسى يەنىلا ئېغىر بولىدۇ. بالىلاردا بۇ خىل پسخىك ھادىسە پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تۆۋەندىكىچە:
1. بالىلار ئۆيدىكى ۋاقىتتا پەقەت ئاتا - ئانىسى بىلەنلا بىرلىكتە تۇرۇپ، باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى پۇرسىتى ئاز بولسا، يات كىشىلەرنى كۆرگەندە قورقۇپ يېتىرقايدۇ.
2. ئاتا - ئانىسىنىڭ يېتەكچىلىك ئۇسۇلىدا مەسىلە يوق، پەقەت بالا تۇغۇلۇشىدىنلا بىر ئاز سەزگۈر بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ماسلىشالمايدۇ. ئىككىنچى خىل ئەھۋالغا كەلسەك، ئاتا - ئانىلار جىددىيلەشمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال تەنقىد، چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. شەيئىلەرگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بالىلارنى بېقىش ئوڭايغا توختىمايدۇ، بىراق بۇ خىل بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا تەبىئەتكە قارىتا سەزگۈسى كۈچلۈك بولغاچقا، چوڭ بولغاندىن كېيىن باشقا بالىلاردا بولمىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا يېتىرقاش تۇيغۇسىدا بولغان بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا - ئانىلار بالىلارنى باشقا كىچىك دوستلىرى بىلەن كۆپرەك ئويناشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ماختىغاندىن سىرت، ئارتۇقچە جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا، مۇۋاپىق بولمىغان تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز شارائىتلارنى پەيدا قىلماسلىق كېرەك.