UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇتقاقلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

تۇتقاقلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش بولسا بىرخىل ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان جەريان بولۇپ، ئەگەر بالىلارغا تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا دىئاگنوز قويۇلغان بولسا، ئاتا - ئانىلار تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك: 1. كېسەلنى مەخسۇس دوختۇرغا كۆرسىتىپ، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۇتقاقلىق كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان دورىنى ئىشلىتىش - ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىش كېرەك. 2. دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە تاپىلىشى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۆز مەيلىچە دورىنى كۆپەيتمەسلىك، ئازايتماسلىق، دورىنى توختاتماسلىق كېرەك. 3. دورا ئىشلىتىش جەريانىدا، بالىنىڭ كېسىلى قوزغىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە تەپسىلىي خاتىرىلەپ مېڭىش شۇنداقلا بالىلاردا ئۇيقۇغا ئامراق بولۇش ياكى روھلىنىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدىمۇ - يوق؟ يول ماڭغاندا تۈز ماڭدىمۇ - يوق؟ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ - يوق؟ دېگەندەك قوشۇمچە زىيان قىلغان تەرەپلەرنى كۆزىتىش ۋە بۆرەك، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. 4. داۋالاش مەزگىلىدە قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈش، بالىنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ئەھۋالى ۋە دورا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى بىر قىسىم ئەھۋاللىرىنى دوختۇرغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، دوختۇرنىڭ ۋاقتىدا داۋالاش لايىھىسى تۈزۈشكە ياردەم بېرىش شۇنداقلا دورىنىڭ قان قويۇقلۇق دەرىجىسى ۋە ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك. 5. بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشتا ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەچكە، ئاتا - ئانىلار ئەتراپلىق ئويلىشىپ، تەييارلىق قىلىشى كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كېسەل ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم قوزغالغاندىن كېيىن يەنە ئۈچ - تۆت يىلغىچە قوزغالمىسا، دورىنى ئىستېمال قىلىشنى توختىتىپ قويۇشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە