UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئوزۇقلۇق بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ بىر ئادەم تولۇق بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئەمەلىيەت. بەش ئايلىق بولغان ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى ئاستا - ئاستا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ سانى تۈز سىزىق ھالەتتە كۆپىيىدۇ. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى ئۆسۈش جەريانىدا ھامىلىنىڭ پۈتۈن بىر مەزگىلىگە سىڭىپ كېتىدۇ. تۇغۇلغان ۋاقىتتا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھۈجەيرە سانى يېتىلگەن كىشىلەرنىڭكىگە 85%~90% كىچە يېقىنلاشقان بولىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرە سانىنىڭ ئاساسەن ھامىلە مەزگىلىدە ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئالتە ئايلىق ئىچىدىكى ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇقى ناچار بولسا، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئوزۇقلۇق ناچار بولسا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تولۇق يېتىلمەيدۇ. بۇ يېتىلىش جەھەتتىكى تۇغما توسالغۇنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنى كېيىن تولۇقلاش مۇمكىن ئەمەس. بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا قاتتىق سېزىكلىك بولىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىدۇ، ياندۇرىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىت ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل، شۇڭا بولغۇسى ئانىلار ئېمكانقەدەر فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئىنكاسىنى يېڭىپ، نورمال يېمەك - ئىچمەكنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki