بىر غەلىبە قازانغان دادا بولۇشىدا ئانىنىڭ رولىمۇ بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئۆزلىرىنى بالىغا قارىيالايمەن دەپ قارايدۇ ۋە بالىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. شۇڭا ھەربىر ئانا ھەربىر ئىشتا بالا بىلەن ناھايىتى يېقىن تۇرىدۇ، شۇڭا دادىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالىدۇ، بالا دادىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلسا، دادىمۇ بالا بىلەن بولغان يېقىنلىشىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىدۇ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دادىمۇ كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك. بالا قاتتىق يىغلىغاندا، دادا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن بالىنى گوللىشى، بالىنى سىيلىشى، بالىنىڭ يىغلاش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئانا بالىنىڭ يىغلاش سەۋەبىنى بىلگەچكە، دادىنىڭ قولىدىن بالىنى ئېلىپ، بالىنى گوللايدۇ. دادا بۇنىڭدىن بىر ئاز ئازارچىلىق ھېس قىلىدۇ، كېيىنكى قېتىم بالا يىغلىغاندا، دادا چوقۇم بالىنىڭ يېنىدىن كېتىدۇ. بۇرۇنقىدەك بالىنى گوللاپ باقمايدۇ، شۇڭا بارلىق ئانىلار ئېمكانقەدەر دادىغا ئىشەنچ پەيدا بولۇشىغا ياردەم قىلىش كېرەك. گەرچە ئانا ئېمىتسىمۇ، بىراق دادا بىلەن ئانا بىرلىكتە بالىنى بېقىشى لازىم.