يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھامىلە ئالتە - يەتتە ھەپتىلىك ۋاقتىدىلا ئاڭلاش سېزىمى ئاساسەن شەكىللەنگەن، B تىپلىق ئاپپاراتتا ھامىلىنىڭ ئاۋاز تەسىرىگە نىسبەتەن كۆزنى چىمىلدىتىش رېفلېكىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ. كۆپلىگەن تەجرىبىلەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ يېقىملىق، ئاستا مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا ئامراقلىقىنى، بۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا ئۇلارنىڭ ئىنتايىن تىنچ تۇرىدىغانلىقى ھەتتا كۈلۈمسىرەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە چىرقىراق ئاۋازلارغا نىسبەتەن چېچىلغان كەيپىياتنى ئىپادىلەپ، توختىماي يىغلايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يەنە رىتىملىق ئاۋازلارغا تولىمۇ ئامراق بولۇپ، يۈرەك سوقۇشقا ئوخشاش رىتىمدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا، يىغلاۋاتقان بوۋاقنىڭ تىنچلىنىپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.