UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يېقىلغۇ باتارېيىسى بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېقىلغۇ باتارېيىسى بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى باتارېيە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سىماب، كادمىي، خروم، قوغۇشۇن قاتارلىق زەھەرلىك بولغان ئېغىر مېتاللار بار، بۇ مېتاللار ناۋادا تۇپراق ۋە سۇغا كىرسە ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدۇ ھەمدە يەنە يېمەكلىك ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. يېقىلغۇ باتارېيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا ھىدروگېن ازى ۋە ئوكسىگېن بولۇپ، ئۇلار بۇلغانمىغان ماددىلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھاۋادىن ئېلىنىدۇ. ھىدروگېن گازى يېقىلغۇ باتارېيىسىنىڭ مەنپىي قۇتۇپى ئارقىلىق باتارېيىگە كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوكسىگېن مۇسبەت قۇتۇپ ئارقىلىق باتارېيىگە كىرىدۇ. باتارېيە ئىچىدە ھىدروگېن گازى بىلەن ئوكسىگېن خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، سۇ پەيدا بولغاندىن باشقا، بۇ رېئاكسىيە يەنە كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ ئۇنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا، يېقىلغۇ باتارېيىنى ئۈزۈلدۈرمەي ھىدروگېن گازى ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىگەندە ئۇ ئىزچىل تۈردە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىدۇ. ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننىڭ رېئاكسىيىلىشىش جەريانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلى بۇلغانمىغان سۇ، شۇڭا يېقىلغۇ باتارېيىسىنى ھەقىقىي بۇلغانمىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى دەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا يېقىلغۇ باتارېيىسىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار؛ ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، نەزەرىيە جەھەتتە 100 پىرسەنتكە يېتىدۇ، ھازىر ئىشلەپ چىقىرىلغان يېقىلغۇ باتارېيە 60 - 80 پىرسەنتكە يېتىدۇ، گېنېراتورغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئايلىنىدىغان زاپچىسى يوق، شاۋقۇن پەيدا قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەجىمى كىچىك، يېنىك، ئىشلىتىشكە ئەپلىك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن يېقىلغۇ باتارېيىسى بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki