UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنى ئويناتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بالىنى ئويناتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى بىرەر نەرسىگە جەلپ قىلىپ ئويناتقىلى ئامراق. بىراق، زىيادە قىزىقتۇرۇپ ئويناتماسلىق كېرەك. بۇ بالىلارغا نىسبەتەن پايدىسىز بولۇپ، يېنىك بولغاندا بالىنىڭ ئىشتىھاسى، ئۇيقۇسىغا تەسىر قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا بالىنىڭ سالامەتلىكى زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىشى، ھەتتا خۇشاللىقىدىن خاپىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى بىرەر نەرسىگە جەلپ قىلىپ ئويناتقاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك: 1. بالىغا تاماق بېرىۋاتقاندا، بالىنى بىرەر نەرسىگە جەلپ قىلىپ ئويناتماسلىق. بالىنىڭ چايناش ۋە يۇتۇش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، ئەگەر بالا تاماق يەۋاتقاندا ئۇنى بىرەر نەرسىگە جەلپ قىلغاندا، بالىنىڭ ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى يەنە تاماق نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىپ، تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەتتا كۈتۈلمىگەن ئىشلار پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر بوۋاق سۈت ئېمىۋاتقاندا، سۈت نەپەس يولىغا كىرىپ كەتسە، ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلىشمۇ مۇمكىن. 2. بالا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇنى بىرەر نەرسىگە جەلپ قىلىپ ئويناتماسلىق. ئۇيقۇ بولسا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ تورمۇزلىنىش جەريانى بولۇپ، بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى تەرەققىي قىلىپ يېتىملىگەچكە، روھلىنىپ كەتسە ئوڭايلىقچە تورمۇزلىيالمايدۇ. ئەگەر بالا ئۇخلاشتىن ئاۋۋال روھلىنىپ كەتسە، ھەمىشە كېچىكىپ ئۇخلايدۇ. ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ، ھەتتا كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ. 3. بالىنى زىيادە يۇقىرىغا كۆتۈرمەسلىك. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ خۇشال بولۇشى ئۈچۈن بالىنىڭ يۇقىرىغا ئېتىپ، ئاندىن تۇتۇۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ. بالا بۇ خىل ئويۇنغا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، دائىم ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قايتا - قايتا مۇشۇنداق ئويۇننى ئويناتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر چوڭلار سەللا دىققەت قىلمىسا ياكى زىيادە چارچاپ كەتسە، بالا ئوڭايلا قولدىن ئاجراپ كېتىپ، بەختسىزلىك يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى بۇ خىل ئويۇننى ئىمكانقەدەر ئاز ئوينىتىشى لازىم. 4. قول بىلەن بالىنىڭ ئىككى تاپىنىنى تۇتۇپ تىك تۇرغۇزماسلىق كېرەك. بالا تىك تۇرالىغاندىن كېيىن بەزى ئائىلە باشلىقلىرى دائىم بىر قولى بىلەن بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى تۇتۇپ، بالىنى ئالقىنىدا ئۆرە تۇرغۇزۇشقا ئامراق كېلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت بىخەتەر ئەمەس. گەرچە ئائىلە باشلىقى يەنە بىر قولى بىلەن قوغداپ تۇرسىمۇ، بىراق بالا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي قالسا، ئائىلە باشلىقىنىڭ يەنە بىر قولى تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ — دە، بەختسىزلىك يۈز بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە