UyghurWiki›نەمە›ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى قايسى خىل دورىلارنى ئىشلەتسە، سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بولىدۇ؟
ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى قايسى خىل دورىلارنى ئىشلەتسە، سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆپچىلىك ئادەتتە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئانىلارنىڭ ئىشلەتكەن دورىلىرىنىڭ ھامىلىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىگە دىققەت قىلمايدۇ، بەزى دورىلارنى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئىشلەتسە، بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ. مەسىلەن: ھامىلە يېشى بىر ھەپتە بولغاندا ئۆلۈپ كېتىش ياكى ھامىلە ھۈجەيرىسى ئازلاپ كېتىش قاتارلىق بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇشى، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى ئىشلەتكەن دورىلار تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
1. دورا ئۆسۈملۈكلىرى خروموزمانى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. مەسىلەن: پېرفېنازىن، خلورپرومازىن ۋە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش دورىسى قاتارلىقلار.
2. ھۈجەيرىلەرنى زەھەرلەيدۇ. مەسىلەن: ئازاتىئوپرىن، سىكلوفوسفامىد قاتارلىقلار.
3. مەست قىلىش خاراكتېرىدىكى گاز جىسىملار بالدۇر تۇغۇش، ئىستىخىيىلىك بويىدىن ئاجراش، تۇغما غەيرىي نورماللىق كۆپ بولۇش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
4. تۇخۇم چىقىرىشنى غىدىقلايدىغان دورىلار <كۆپ كېزەك> ھامىلىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دادا ئۇرۇقلانغان ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىش مەسىلىدە، ھايۋاناتلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كېتىدىغانلىقى، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. يەنى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئىسپېرما ئىچىدە قېلىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمداننىڭ يېتىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ياكى بىۋاسىتە ئىرسىي ماددىغا تەسىر قىلىشتىن ئىبارەت ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.