پىنگۋىننىڭ بەدىنىدە «كومپاس» بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ قۇتۇپ كۈندۈزى يېتىپ كەلگەندە پىنگۋىنلار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ، نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز - ئوكيانغا ئوزۇقلۇق تاپقىلى بارىدۇ. ئۇلار ھەر قېتىم ماكانىدىن ئايرىلغاندا ۋە ماكانىغا قايتقاندا ھېچقانداق بەلگىسى يوق مۇزلۇقلاردىن ئۆتىدۇ، لېكىن زادىلا يولىدىن ئادىشىپ قالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە كومپاس بارمۇ؟
1959 - يىلى، ئامېرىكا ئالىملىرى جەنۇبىي قۇتۇپتا بەش دانە يېتىلگەن پىگۋىننى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ماكانىنى تاپالايدىغان - تاپالمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، بەدىنىگە بەلگە سېلىپ، ئۇلارنى ماكانىدىن 1500 كىلومېتىر يىراقلىقىتىكى ئوخشاش بولمىغان بەش جايغا ئاپىرىپ قويۇپ بەرگەن. قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان جايلارغا ئاپىرىپ قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان ھەمدە ئون ئاي سەپەر قىلىپ ئاخىر ئۆز ماكانىغا قايتىپ كەلگەن.
كېيىن، يەنە ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىق زوئولوگ مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇلار پىنگۋىنلارنى ئۆز ماكانىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناتونۇش جايغا ئاپىرىپ، ئۆڭكۈرگە سولاپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن. باشتا، پىنگۋىنلار ئۆڭكۈردىن چىققاندىن كېيىن، بىردەم پىرقىراپ يۈرگەن، ئەمما ئارقىدىنلا ناھايىتى تېزلىكتە يۆنىلىشنى تېپىۋېلىپ، ھەممىسى بىردەك شىمالغا قاراپ تۇرۇشقان. زوئولوگلار يەنە مۇنۇلارنى بايقىغان: ئەتىگەندە، پىنگۋىنلار ناتونۇش جايغا ئاپىرىپ قويۇلسىمۇ، ھەممىسى قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىكى يۆنلىشنى، يەنى شىمال تەرەپنى تالىغان. 12 سائەتتىن كېيىن، قۇياش تېخى پىنگىۋىنلارنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتمەستە، ئۇلار بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي يەنىلا شىمالغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن. بۇلۇتلار قۇياشنى توسۇۋالغان چاغدىلا، ئۇلار يولدىن ئادىشىپ قېلىپ قالايمىقان مېڭىشقا باشلىغان.
ئالىملار ئۈزلۈكسىز تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، پىنگۋىننىڭ بەدىنىدىكى «كومپاس» نىڭ قۇياشنڭ ئورنىغا ئاساسەن يۆنىلىش بەلگىلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. لېكىن، قۇياشنىڭ ئورنى بىلەن يۆنىلىشى مۇقىم بولماي، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاندا، پىنگۋىنلار يەنە نېمە ئۈچۈن باشقا يۆنىلىشنى تاللىماستىن، بەلكى دائىم شىمالنى تاللايدۇ؟
بەزىلەر: بۇنداق بولۇشى جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىدىن شىمالىغچە بولغان جايلارنىڭ ھەممسىى دېڭىز - ئوكيان بولغاچقا شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغان.