يىلپىز نېمە ئۈچۈن تاغدا تۇرۇشقا ئامراق؟
نېمە ئۈچۈن
ئېلىمىزنىڭ چىڭىخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ۋە شىنجاڭ قاتارلىقق جايلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىز تاغلارنى يىل بويى قار - مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. يىلپىز مانا مۇشۇنداق ئاپئاق قار - مۇزلار قاپلاپ تۇرغان ئېگىز تاغلاردا ياشايدۇ.
بۇ خىل يىلپىز ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، تەقى - تۇرقى ئادەتتىكى يىلپىزغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پەرقلىنىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل يىلپىزنىڭ بېشى كىچىكرەك، قۇيرۇقى توم ھەم ئۇزۇن،بەدىنى نىسبەتەن ئېغىرراق كېلىدۇ. يىلپىزنىڭ بەدىنى ئاققا مايىل كۈل رەڭ بولۇپ، قارا رەڭلىك تەڭگىسىمان گۈلى بار. ئۇ كۈندۈزى دەم ئېلىپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، بۇ خىل يىلپىز نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى يىلپىزلارغا ئوخشاش تەبىئىي مۇھىتى ياخشىراق جايلاردا ياشىماي، ئەنە شۇنداق ئېگىز تاغ - ئېدىرلىقلاردا، ھاۋاسى سوغۇق، ناچار مۇھىتتا ياشايدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، يىلپىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇشۇنداق مۇھىت ئەكسىچە ئۇنىڭ ياشىشىغا بەك ماس كېلىدۇ.
بۇ خىل يىلىپزلار ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئېگىز تاغلار ياشاپ كەلگەن بولغاچقا، ئېگىز تاغدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تامامەت ئۇيغۇنلىشىپ، ئېگىزلىكتە ياشايدىغان ھايۋانلار ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر خىل ھايۋان بولۇپ قالغان.
يىلپىزنىڭ تۈكى ئۇزۇن ھەم قويۇق بولۇپ، ئېگىز تاغلاردىكى قەھرىتان سوغۇقنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ھاۋاسى ئىللىق ۋە تۈزلەڭ رايونلارغا ئەكېلىپ قويسا، ئۇنىڭغا ئۆزگىچە تۈكلىرى كېرەككە كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا بىر خىل يۈك بولۇپ قالىدۇ. بىپايان ئېگىزلىكلەردە يېمەكلىك ئىنتايىن مول بولۇپ، توپ - توپ كۆكمەت، ئارقار، سۇغۇر، تاغ توشقىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يىلپىزنىڭ ئوبدان ئوزۇقىدۇر. يىلپىزنىڭ تېنى كۈچلۈك بولۇپ، ھەرىكىتى تېز ھەم ئەركىن، بۇنىڭغا ئۇنىڭ تەرەققىي قىلغان تىرناقلىرى ۋە ئۆتكۈر چىشلىرى قوشۇلۇپ، ئۇنى ئېگىزلىكتىكى ھايۋانلارنىڭ خوجىسىغا ئايلاندۇرغان.