UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار قانداق ۋاقىتتا <كۆپ> ۋە <ئاز> دېگەنلەرنى بىلەلەيدۇ؟

بالىلار قانداق ۋاقىتتا <كۆپ> ۋە <ئاز> دېگەنلەرنى بىلەلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بەزىلىرى راۋان سۆزلىيەلمەيدۇ. بىراق جىسىمنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىككى دۆۋە يەنى بىرسى كۆپرەك، يەنە بىرسى ئازراق بولغان، ئۇلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكنى قويغاندا ئۇلارنىڭ قولىنى قايسى ياققا سوزغىنىغا قاراپ، ئۇلاردا <كۆپ> ياكى <ئاز> نى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇمۇ بالىلاردا دەسلەپتىكى سان ئۇقۇمى پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، بالىلارنىڭ سانغا بولغان تونۇشى ئاساسلىقى سەزگۈ باسقۇچىدا بولىدۇ. پەقەت سان ئۇقۇمى توغرىسىدا بىخلىنىش پەيدا بولىدۇ. سان ئۇقۇمى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى بالىلار گەرچە ئون ئىچىدىكى ساننى ساناپ بېرەلىسىمۇ، بىراق پەقەت مېخانىكىلىق ھالدا ساننىڭ تەرتىپىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. يەككە ھالدا مەلۇم بىر ساننى دەپ بېرەلمەيدۇ. ئاتا - ئانىلار ئويۇن جەريانىدا بالىغا بىۋاسىتە <كۆپ> ياكى <ئاز> بولغان سان مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلدۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: بالىلار ئۈچۈن چوڭ ۋە كىچىك شاھمات ياكى دامكا ئۇرۇقلىرىنى تەييارلاپ، ئىككى دانە چوڭ ئۇرۇق ۋە سەككىز دانە كىچىك ئۇرۇقنى ئېلىپ، ئىككى دۆۋە قىلىپ تىزىپ، ئاۋۋال بالىغا چوڭ ئۇرۇقنىڭ سانىنى ئېيىتقۇزۇش كېرەك، بىر تەرەپتىن ئۇرۇقنى ئېلىپ، بىر تەرەپنىڭ <بىر، ئىككى، چوڭ ئۇرۇق جەمئىي ئىككى ئىكەن> دەپ سانىسا بولىدۇ. يەنە كىچىك ئۇرۇقنى ئېلىپ <1، 2، 3، جەمئىي سەككىز ئىكەن> دەپ ساناپ، ئەڭ ئاخىرىدا بالىغا چوڭ ئۇرۇقنىڭ ئاز، كىچىك ئۇرۇقنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسە، بالا ئۆزى <كۆپ> ۋە <ئاز> نىڭ پەرقىنى بىلىۋالالايدۇ. ئاتا - ئانىلار يەنە چوڭ ئۇرۇق بىلەن كىچىك ئۇرۇقنىڭ سانىنى ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالا تېخىمۇ ئوڭاي پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلار بۇ خىل ئويۇن جەريانىدا بالىغا ساناق ساناشنى ئۆگىتەلەيدۇ. بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بالىلار <ئىككى> دېگەن ساننى ئۆگىنەلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان بالىلار تەرتىپ بويىچە بىر، ئىككى دەپ ساناپ بېرەلەيدۇ. بىراق ئۈچنىڭ ئىككىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ناتايىن بولۇپ، بالىنىڭ سانغا بولغان تونۇشى يەنىلا تۇتۇق بولۇشى مۇمكىن
← بارلىق تېمىلار نەمە