تۇغۇتتىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن قان بېسىمنى ئۆلچىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
قان بېسىمى ئەسلىدىنلا نورمال بولغان ئانا بولغۇچىلاردا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى بولۇشى مۇمكىن. تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتە، يۇقىرى قان بېسىمىغا دىئاگنوز قويۇش ناھايىتى ئوڭاي. قان بېسىمى ئىككى خىل قىممەتنى — قىسقىرىش ۋە بوشىشىش بېسىمىنى ئىپادىلەيدۇ. نورمال ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 100 ~ 140 مىللېىمىتىر سىماب تۈۋرۈكى ئارىلىقىدا، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىش بېسىمى 60 ~ 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئارىلىقىدا بولىدۇ. شۇڭا، قىسقرىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن چوڭ، بوشىشىش بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن چوڭ بولسا، بۇ ھامىلىدار ئايالنىڭ قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولسا زادى قانداق خەتىرى بار؟ ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال ھامىلىدار بولۇپ 20 ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. باشلىنىشتا پەقەتلا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. بىراق ھەپتە سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قان بېسىمى بارغانسېرى ئۆرلەش بىلەن بىللە يەنە سۈيدۈكتە ئاقسىل پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئەگەر سۈيدۈكتىن ئېقىپ چىققان ئاقسىل بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، يېمەكلىك جەھەتتىكى ئوزۇقلىنىش ئېشىپ كېتىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قېنىدا ئاقسىل يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەڭ روشەن بولىدىغىنى، پۈتۈن بەدەن سۇلۇق ئىششىپ كېتىدۇ. ھامىلىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان ماتكىنىڭ قان ئېقىمى مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ ۋە باش سۈيىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھامىلىدار ئايالنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، سۈيدۈككە ئاقسىل ئارىلىشىپ كېلىش ۋە پۈتۈن بەدەن ئىششىپ كېتىش ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ، ئادەتتە <ھامىلىدارلىقتىكى قان زەھەرلىنىش كېسىلى> دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر <ئالدىن بىشارەت بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى> دېيىلىدۇ، ئەگەر قان بېسىمى يۇقىرى بولسا، قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ئىقتىدار قالايمىقانلىشىش پەيدا بولۇپ، قاتتىق تارتىشىدىغان تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ <ھامىلە تۇتقاقلىقى> دېيىلىدۇ، ئادەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى قانچە بالدۇر پەيدا بولسا، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىمۇ شۇنچە بالدۇر ئېلىپ كېلىدۇ. ھەم ئالدىن بىشارەت بولغان <ھامىلە تۇتقاقلىقى> بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھامىلىنىڭ يېتىلىشى كۆرۈنەرلىك ھالدا كېچىكىدۇ، بەزىدە ھەتتا بوۋاق بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قالىدۇ. تۇغۇتتىن ئىلگىرى قان بېسىمنى تەكشۈرگەندە، يۇقىرى قان بېسىمنى ۋاقتىدا بايقاپلا قالماستىن، بەلكى <ئالدىن بىشارەت بولغان ھامىلە تۇتقاقلىقى> نىمۇ بايقاشتا، ھامىلىدار ئاياللارغا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ.