UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

نېمە ئۈچۈن قەۋزىيەت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە بوۋاقلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان ئالامەت. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا چوڭ تەرەتنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى ئىككى تەرەپتىن تەھلىل قىلىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان نورمال بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن. بەزى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر كۈندە نەچچە قېتىم چوڭ تەرەت قىلسا، ئايرىم ساندىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ. پەقەت چوڭ تەرەتنىڭ مۇقىم سانى بولسا ھەمدە بەك قۇرغاق ياكى بەك سۇيۇق بولماسلىق بىلەن بىللە بوۋاقتا باشقا ناچار ئالامەت بولمىسا بۇ نورماللىققا تەۋە بولىدۇ. ئەگەر چوڭ تەرەت قۇرۇق، مىقدارى ئاز ھەم تەستە تەرەت قىلسا، گەرچە كۈندە نەچچە قېتىم تەرەت قىلسىمۇ يەنىلا قەۋزىيەت دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ تەرىتى تەرتىپلىكرەك بولۇپ، تۇيۇقسىز ئىككى كۈندىن ئارتۇق چوڭ تەرەت قىلمىسا ھەم قورساق ئاغرىش ياكى قورساق كۆپۈش بىللە كەلسە يەنىلا قەۋزىيەت دەپ قارىلىدۇ. قەۋزىيەت — تەرەت بوغماق ئۈچەيدە ئۇزاق يىغىلىپ قېلىپ، سۇ مىقدارى سۈمۈرۈلۈپ، تەرەتنىڭ بەك قۇرۇقلۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەت قىلىشتا قىينىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە