UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكى يانتۇ بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكى يانتۇ بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھازىرقى ئاپتوموبىللارنىڭ سىرتقى شەكلى راسستىنلا ھەر خىل بولىدۇ، بولۇپمۇ پىكاپلارنىڭ كۆركەم سىرتقى شەكلى كىشىنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئەمما ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى شەكلىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر ئالدى ئەينىكىنىڭ ئۈستى قىسمى ھەمىشە كەينىگە مەلۇم بولۇڭ ھاسىل قىلىپ يانتۇ تۇرىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكى يانتۇ ئورنىتىلسا ئاپتوموبىل تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدۇ. يول يۈرگەندە ئالدى تەرەپتىن كەلگەن ھاۋا ئەينەكنىڭ ئۈستى تەرىپى ئارقىلىق تېزلىكتە ئۆتۈپ كېتىپ ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىدۇ. ئەمما، ئاپتوموبىل ئالدى ئەينىكىنىڭ يانتۇ ئورنىتىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. سىز ئاخشىمى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغاندا دىققەت قىلسىڭىز:ئەگەر ئاپتۇبۇس ئىچى يورۇقراق بولسا، تىك ئورنىتىلغان يان دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغىنىڭىزدا، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى دېرىزە ئەينىكىنىڭ نۇر قايتۇرۇش ۋە نۇر ئۆتكۈزۈش رولى بولغاچقا، سىرتتىكى ئاۋات كوچا مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپلا قالماي يەنە ئاپتوبۇس ئىچىدىكى نەرسىلەرنىمۇ كۆرەلەيسىز. بۇ خىل ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ مەۋھۇم تەسۋىرى بىلەن سىرتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرىنىڭ ئۈستىمۇ ئۈست چۈشۈش ھادىسىسى كىشىدە ھەمىشە پەرقلەندۈرۈش تەس بولغان راست - يالغان تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى دېرىزە ئەينىكىمۇ تىك ئورنىتىلسا، شوپۇرغا ئۈستىمۇ ئۈست چۈشكەن مەۋھۇم تەسۋىر بىلەن ھەقىقىي تەسۋىر كۆتۈنۈپ، مۇقەررەر ھالدا كۆرۈش سېزىمىدىكى خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا قاتناش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى دېرىزە ئەينىكى يانتو ئورنىتىلغاندىن كېيىن، شوپۇر سىرتتىكى ھەقىقىي مەنزىرە، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ مەۋھۇم تەسۋىرى شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە بولىدۇ، شۇڭا شوپۇرغا ئۇلار كۆرۈنمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا شوپۇرنىڭ يالغان تەسۋىردىن قايمۇقۇپ كەتمەي يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكى يانتۇ بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki