نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا ۋىتامىن A تولۇقلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ۋىتامىن A كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كۆرۈش تور پەردە سۆسۈن ماددىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا قاتنىشىدۇ. كۆرۈش تور پەردە سۆسۈن ماددىسى بولسا كۆرۈش تور پەردىسى ئاجىز نۇرلارنى ھېس قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. شۇ سەۋەبتىن ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندا ئاسانلا نامازشام قارىغۇسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋىتامىن A ئېپىتىلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. ئەگەر كەمچىل بولغاندا تېرە، شىللىق پەردە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەشتىن ئوڭايلا يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ۋىتامىن A يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندا، ئاسانلا كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، نامازشام قارىغۇسى كېسىلى ھەمدە نەپەس يول يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن A ئاساسلىقى ھايۋانات خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەردە بولىدۇ، بولۇپمۇ ھايۋانات جىگىرىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول. بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بېلىق جىگىرى مېيى بېرىش ئارقىلىق ۋىتامىن A نى تولۇقلاشقا بولىدۇ