قانداق قىلغاندا ھامىلە تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىنىڭ قوبۇل قىلىش قابىلىيىتى ئانىنىڭ كۆڭۈل قويۇش دەرىجىسى بىلەن باغلىق. ھامىلە تەربىيىسىگە بولغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئانىنىڭ قالايمىقان، ئەنسىز كەيپىياتى، بۇ يەردە بىر خىل نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز. بۇ خىل نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بارغاندا، ئورۇننى خالىغانچە تاللىسا بولىدۇ. كارىۋات ئۈستى بولسىمۇ، سافا ئۈستى بولسىمۇ ۋە ياكى يەردە ئولتۇرۇپ ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئېمكانقەدەر بەل ۋە دۈمبىنى ئەركىن تۇتۇپ، پۈتۈن بەدەننى قويۇۋېتىپ، ئىككى كۆزنى يۇمۇپ، قولىنى ئىككى يانغا تاشلاپ قويسا بولىدۇ، ياكى قورساقنىڭ ئۈستىگە قويسىمۇ بولىدۇ. كىيىمىنى ئىمكانقەدەر كەڭرى، ئازادە كىيىش. تەييارلانغاندىن كېيىن بۇرۇن بىلەن ئاستا - ئاستا ھاۋانى سۈمۈرۈپ، ئالتە سېكۇنتنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ھاۋانى سۈمۈرگەچ، بىر تەرەپتىن بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش دەپ ساناش كېرەك. ئۆپكىنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئالتە سېكۇنتقىچە بولىدۇ. بىر ئاز قىينالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا تۆت سېكۇنت ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ. ھاۋانى سۈمۈرگەندە، ئۆزى ھاۋا قورساققا كىرىپ بولدى دەپ ھېس قىلغىچە سۈمۈرۈپ، ئاندىن ئاستا - ئاستا ئېغىز بىلەن ياكى بۇرۇن بىلەن نەپەسنى قويۇۋەتسە بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، ئاستا - ئاستا، تىنچ ھالدا نەپەسنى قويۇۋېتىش كېرەك. نەپەسنى قويۇۋەتكەن ۋاقىت ھاۋانى سۈمۈرگەن ۋاقىتنىڭ ئىككى ھەسسىسى بولىدۇ يەنى، ئەگەر بەش سېكۇنت ھاۋانى سۈمۈرگەن بولسا، ئون سېكۇنت چىقىرىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلىپ، قايتا - قايتا بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە نەپەسلىنىپ تاكى سىز تىنچ، يېنىك، سەگەك ھېس قىلغىچە ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بارغاندا، ئېمكانقەدەر باشقا ئىشلارنى ئويلىماسلىق، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.
ئادەتلىنىپ قالسىڭىز، دىققەت تەبىئىيلا مەركەزلىشىدۇ. رەڭلىك كارتوچكا بىلەن ھامىلە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، مۇشۇنداق نەپەسلىنىشنى ئېلىپ بارغاندا، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەرتىپلىك ھالدا ھامىلە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار. ھامىلە تەربىيىسى بېرىشتىن ئىلگىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، چۈشلۈك ئارام ئېلىشتىن ئىلگىرى، كەچتە يېتىشتىن ئاۋۋال، مۇشۇنداق بىر قېتىم نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالغاندا، ھامىلىگە تەربىيىسىدىن ئىلگىرىكى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ھامىلە تەربىيىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.