ئېلېكترونلۇق يوللانما دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئىلگىرى ئىككى شەھەر ياكى ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەر ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشتە، ئادەتتە خەت يېزىش، تېلېفون بېرىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىناتتى. جۇڭگودىن بىر پارچە خەتنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ئادەتتە يەتتە كۈن كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش - ئالتە يۈەن پوچتا ھەققى ئېلىناتتى؛ تېلېفون بېرىشكە توغرا كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى دەرھاللا ئاڭلىغىلى بولسىمۇ، ئەڭ ئاز دېگەندە ئون نەچچە يۈەن تېلېفون ھەققى تۆلەشكە توغرا كېلەتتى.
ھازىر، كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر <ئېلېكترونلۇق يوللانما> ئەۋەتىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان بولدى.
ئېلېكترونلۇق يوللانمىنىڭ ئىنگلىزچە نامى E - Mail بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېردا <خەت يېزىپ> تېلېگراف لىنىيىسى ئارقىلىق ئىنتېرنېتتا<يوللىنىلىدىغان> خەتنى كۆرسىتىدۇ. ئېلېكترونلۇق يوللانما ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەخسۇس <ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى> بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق يوللانما ئەۋەتكەندە، ئاۋۋال كومپيۇتېردا خەت مەزمۇنى ۋە خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ <ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى> نىڭ ئادرېسى كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىنتېرنېتقا ئۇلىنىپ، خەت ئەۋەتىلىدۇ، قارشى تەرەن بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا خەتنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ. ئادەتتە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ پەقەت بىر نەچچە مو ئېلىنىدۇ.
ئېلېكترونلۇق يوللانما ئەۋەتىشنىڭ يەنە نۇرغۇن قۇلايلىق تەرەپلىرى بار، مەسىلەن، كەلگەن خەتنى ناھايىتى ئاسانلا يەنە بىر ئادەمگە قايتۇرۇپ يوللىغىلى بولىدۇ؛ خەتتىن باشقا، يەنە سۈرەت، رەسىم جەدىۋەللەرنىمۇ ئەۋەتىشكە بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق يوللانمىنىڭ مەخپىيەتلىكى كۈچلۈك بولۇپ، باشقىلار خالىغانچە كۆرەلمەيدۇ ھەم يوقىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئەۋەتىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خەت ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كېلەلەيدۇ.