UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن خۇاڭشەن تېغىدىكى قارىغايلار ئاجايىپ - غارايىپ ئۆسكەن؟

نېمە ئۈچۈن خۇاڭشەن تېغىدىكى قارىغايلار ئاجايىپ - غارايىپ ئۆسكەن؟

نېمە ئۈچۈن خۇاڭشەن تېغىغا ساياھەتكە بارغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ جايدىكى قارىغايلارنىڭ ئۆزلىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. يۈپىڭ راۋىقىنىڭ يېنىدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر قەدىمىي قارىغاي بار، ئۇنىڭ بىر شېخى ئوڭ تەرەپكە سوزۇلغان بولۇپ، خۇددى خوجايىننىڭ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئېلىۋاتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەچكە، كىشىلەر ئۇنى <مېھماننى قارشى ئېلىش قارىغىيى> دەپ ئاتىشىدۇ. يۈپىڭ راۋىقىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قانچە تۈپ مەزمۇت ۋە تىك ئۆسكەن قەدىمىي قارىغايلار بولۇپ، ئۇلار بەئەينى خۇش چىراي خوجايىننىڭ مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇۋاتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەچكە، كىشىلەر ئۇلارنى <مېھمانغا ھەمراھ بولۇش قارىغىيى> دەپ ئاتىشىدۇ. يۈپىڭ راۋىقىدىن ئايرىلىپ نېلۇپەر چوققىسىغا بارىدىغان يولدا شېخى سول تەرەپكە ئۇزۇن سوزۇلغان بىر تۈپ قەدىمىي قارىغاي بولۇپ، خۇددى بۇ جايدىن كېتىۋاتقان مېھمانلارغا قول ئىشارىتى قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقاندەك قىياپەتتە تۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنى <مېھماننى ئۇزىتىش قارىغىيى> دەپ ئاتىشىدۇ. خۇاڭشەن تېغىدىكى قارىغايلارنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ ئۆسۈشىنى شۇ جاينىڭ مۇھىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تاغلىق رايونلاردا، تاغ شامىلى كېچە - كۈندۈز ھۇۋۇلداپ، تاغ چوققىسىدىن تۆۋەنگە قارىتا توختاۋسىز ھادا سوقۇپ تۇرىدۇ، تاغدىكى قارىغايلار ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، بەزىلىرى بايراق شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ، بەزىلىرى كۈنلۈك شەكلىدە ئۆسىدۇ، خۇاڭشەن تېغىنىڭ ئۈستى كۆپىنچە ئېچىلىپ قالغان تاغ جىنىسلىرىدىن ئىبارەت، تۇپرىقى ئىنتايىن نېپىز، سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ئىنتايىن كەمچىل بولغان جايدا، خۇاڭشەن قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزلىرى چىرماشما يىلتىز بولۇپ ئۆسۈپ، خۇددى ئۆمۈچۈك تورلىرىدەك يەر يۈزىنى زىچ قاپلاپ، تۇپراقنى ئېقىتىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان يامغۇر سۇلىرىنى توسىدۇ. دەرەخلەرنىڭ غولى پاكارراق ئۆسكەن، يوپۇرماقلىرى ئىنچىكلەپ قىسقارغان، يوپۇرماق يۈزىنى قېلىن بىر قەۋەت موما ماددىسى قاپلىغان بولۇپ بۇ ھال سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئازايتىدۇ. خۇاڭشەن قارىغايلىرى ئۇزۇن يىللىق بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ناچار مۇھىت ئىچىدە ھاياتىنى ساقلاپ قالغان، لېكىن دەرەخنىڭ شەكلىدە يىللارنىڭ ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان. خۇاڭشەن تېغىدا ئاجايىپ - غارايىپ قارىغايلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ شاخلىرى تىك قىيالاردىن تۆۋەنگە ساڭگىلىغان بولۇپ، خۇددى قاتار - قاتار زور تەشتەك مەنزىرىسىگە ئوخشىشدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ بۇ جايدىن كەتكۈسى كەلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە