ئانئورگانىك تۇز دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددا ئانئورگانىك تۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئانئورگانىك تۇز 20 نەچچە خىل بولۇپ، تەخمىنەن ئادەم بەدىنى ئېغىرلىقىنىڭ 5%~4% ىنى ئىگىلەيدۇ. گەرچە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۈندىلىك ئېھتىياجى كۆپ بولماستىن پەقەتلا بىر نەچچە مىللىگرام ھەتتا بىر نەچچە مىكروگرام بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئانئورگانىك تۇزلار ئادەمنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىدا پارچىلىنىپ چىقارغان ھەرخىل ئىئونلىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدە رولى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. ئادەم تېنىدىكى ئانئورگانىك تۇز ماكرو ئېلېمېنت ۋە مىكرو ئېلېمېنت دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ماكرو ئېلېمېنت كالتسىي، فوسفور، كالىي، ناترىي، خلور، ماگنىي قاتارلىق ئالتە خىل؛ مىكرو ئېلېمېنت تۆمۈر، سىنك، مىس، يود قاتارلىقلار. ھەرخىل ئېلېمېنتلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلەرنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم رولى بار. كەمچىل ياكى ئارتۇق بولۇشنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىنىڭ رولىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلار بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ قويۇق بولغانلىرى كالتسىي، تۆمۈر، كالىي، يود، سىنك، ناترىي قاتارلىقلار. ئانئورگانىك تۇز ھاياتلىقتا زۆرۈر بولغان، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقلارنىڭ غىزاسىدا چوقۇم مۇۋاپىق ئانئورگانىك تۇز بولۇشى كېرەك.