قىل كانايچىلار ياللۇغى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
قىل كانايچىلار ياللۇغى يەنە دەم سىقىلىش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى دېيىلىدۇ. ئۇ نەپەس يولى جۈپلەشمە ھۈجەيرە ۋىرۇسلىرىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان. ئىككى ياشتىن تۆۋەن بوۋاق، كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. ئىككى - ئالتە ئايلىق بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. قىش، ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ. قىل كانايچىلار ياللۇغىدا قىزىش، يۆتىلىش، نەپەسلىنىش تېزلىشىش قاتارلىق ئىپادىلەردىن باشقا، دەم سىقىلىش ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى. دوختۇر ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە ئىككى ئۆپكىدە ھاسىراش ئاساسلىق بولۇپ، ئېغىر بولغاندا كېسەللەنگۈچىدە بىئاراملىق، ئىشتىھاسى ناچارلاش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، نەپەسلىنىش كۆرۈنەرلىك قىيىنلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ ھەمدە يۈرەك زەئىپلىشىش ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ھازىرچە داۋالاشتىن كېيىنكى تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قىل كانايچىلار ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاسىراشنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى 66%~22%. شۇڭا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار دىئاگنوزىغا دىققەت قىلىش كېرەك