UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار ئۈچۈن قانداق چىش پاستىسىنى تاللاش كېرەك؟

بالىلار ئۈچۈن قانداق چىش پاستىسىنى تاللاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ چىشى ئادەتتە ناھايىتى ئوڭاي قۇرتلاپ كېتىدۇ، فتورلۇق چىش پاستىسى چىش قۇرتلاشنى داۋالاشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ۋاسىتە. بىراق ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار فتورلۇق چىش پاستىسىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بالىلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، چىش پاستىسى ماغزىپىنى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتەلمەي، ئايرىم بىر قىسىملىرىنى يۇتۇۋېتىشى مۇمكىن. مىكرو ئېلېمېنت بولغان فتور ئارتۇق قوبۇل قىلىنىپ كەتسە، چىشتا داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئېغىر بولغاندا چىش ساغرىپ، قوپاللىشىپ كېتىدۇ ۋە ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. ھەتتا فتورلۇق چىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار فتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلەتمەسلىكى، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار ئاتا - ئانىسى ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىشى، ھەر قېتىمدا سېرىق پۇرچاقچىلىق چوڭلۇقتىكى چىقىرىپ ئىشلىتىشى، ئارتۇق ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىمۇ بالىلار ئاندا - ساندا چىش پاستىسىنىڭ ماغزىپىنى يۇتۇۋالىدۇ، يەتتە ياشتىن يۇقىرى بالىلار فتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلەتسە بولىدۇ. بىراق ماغزاپنىڭ قورساققا كىرىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، شۇڭا، بالىلار مېۋە تەملىك، خۇش پۇراقلىق ھەم دورا ئۆسۈملۈكلىرى بولمىغان بالىلار چىش پاستىسىنى ئىشلىتىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلار ئۈچۈن قانداق چىش پاستىسىنى تاللاش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki