قورساقنى يېرىپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغقاندىن كېيىن بالىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاغرىق ياكى مەلۇم پايدىسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم ئانىلار قورساقنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغىدۇ. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئامىللار ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا پايدىسىز. ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى يارا ئېغىزىنىڭ ئاغرىقى سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئوغۇز سۈتى كۆرۈلگەن ۋاقىت بىر ئاز ئۇزۇن بولسا، بۇ ئوپېراتسىيە ۋاقتىدا ئىشلەتكەن مەست قىلىش تۈرلىرى ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىگە باغلىق بولىدۇ. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانا سۈتنىڭ ئانىغا ۋە بالىغا بولغان مۇھىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئانا بولغانلار تەبىئىي تۇغۇت ئارقىلىق ئانا بولغانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىتىلىش ئۇچۇرى مېڭىگە بارغاندىمۇ ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئانا سۈتى ئارقىلىق خروموسوما ئاجراتمىلىرىنى قوزغىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئانا ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئېمىتكەندە، بۇ خىل مۇسكۇللارنىڭ يېقىن تېگىشى بىلەن ئاجراتمىلار يېتەرلىك ھالدا مېڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئانىلارنىڭ باشقا ئانىلارغا ئوخشاش بالىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېمىتىشىگە پايدىلىق. قوزغاتقۇچى ماددىلار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا شەكىللەنگەن ئاجراتمىلار بولۇپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە. بالىنى سۆيگەندىمۇ بۇ خىل ئاجراتمىلار قوزغىتىلىدۇ، ئۇ ئەمچەك مۇسكۇللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ سۈت چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئانا - بالىنىڭ يېقىنچىلىق بىلەن ئۇچرىشىشى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئانىلارنىڭ بالا ئېمىتىشىدە ناھايىتى مۇھىم.