UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ غەيرىي رېئاكـسىيىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ غەيرىي رېئاكـسىيىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىپ ئەملەشنىڭ غەيرىي رېئاكسىيىسىنىڭ دەرىجىسى ئادەتتە ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئېغىرراق، چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىش كېرەك: 1. ھوشسىزلىنىش. ئادەتتە ئاچ قورساق، چارچاش، كەيپىياتى جىددىيلىشىش ياكى قورقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھوشسىزلىنىش كۆرۈلگەن ھامان دەرھال كېسەل ئادەمنى تۈز ياتقۇزۇپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ۋە تىنچلىقنى ساقلاپ، قايناق سۇ ياكى شېكەر سۈيى ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئادەتتە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەسلىگە كېلىدۇ. 2. زىيادە سەزگۈرلۈك بىرلەشمە كېسەللىك ئالامىتى. زىيادە سەزگۈرلۈك شوك، زىيادە سەزگۈرلۈك ئەسۋە، قان تومۇر نېرۋىسى مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىق، قان زەردابى كېسىلى قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك شوك ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ، ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش، كېسەللەنگۈچىنىڭ بېشىنى پەس قىلىپ تۈز ياتقۇزۇش، ئىسسىقلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش ھەمدە دوختۇر چاقىرىتىپ ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. 3. ئاللېرگىيىلىك مېڭە يۇلۇن ياللۇغى. ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملىنىپ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ. كېسەللەنگۈچى پۇت - قولى ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت - قولى ئۇيۇشۇش، پۇت - قول تېلىپ ئاغرىش، سېزىمى ئاستىلاشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئاندىن يۇقىرىغا ئۆرلەشچان پۇت - قول ئۇيۇشۇش كۆرۈلىدۇ. بەزىلىرىدە مېڭە ياللۇغى ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىپ دائىم كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بالنىستتا ياتقۇزۇپ داۋالاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ غەيرىي رېئاكـسىيىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki