نېمە ئۈچۈن خۇاڭخې دەرياسى <كۆتۈرمە دەريا> دېيىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قەدىمكى كىشىلەردىن قالغان <خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى پەلەكتىن چۈشىدۇ، ئۆركەشلەپ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ - قايتمايدۇ> دېگەن بۇ مەشھۇر جۈملە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئۇلۇغۋار قىياپىتىنى مەدھىلىيلەپلا قالماستىن، يەنە خۇاڭخې دەرياسى ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىن ئېگىز تۇرىدىغانلىقى، قارىماققا ئۆركەشلەۋاتقان دەريا سۈيى پەلەكتىن چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇڭا خۇاڭخې دەرياسى يەنە <كۆتۈرمە دەريا> دەپمۇ ئاتالغان.
كۆتۈرمە دەريا قانداق شەكىللەنگەن؟
ئەسلىدە خۇاڭخې دەرياسى ئېقىنى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن ئۆتكەندە نۇرغۇن لاي - قۇمنى ئۈزلۈكسىز ئېقىتىپ كېلىدۇ، سۇدىكى لاي - قۇم مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ستاتىستىكىلىق مەلۇتلارغا ئاساسلانغاندا، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىنى پەقەت سەنشى ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر جايدىن ئۆتكىنىدىلا 1 مىليارد 600 مىليون توننىغا يېقىن لاي - قۇمنى ئېقىتىپ ماڭىدىكەن. ئەگەر ئۇ قۇملارنى تۆت توننىلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ توشۇشقا توغرا كەلسە 10 مىڭ ئاپتوموبىل كېتىدىكەن، ھەر بىر ئاپتوموبىل كۈنىگە 100 قېتىمدىن ماڭسا، بىر يىلدا ئاران توشۇپ بولغىلى بولىدىكەن. مۇشۇنداق كۆپ لاي - قۇم سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن ئېقىتىپ چۈشۈپ بىپايان تۈزلۈڭلىك - شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، سۇ ئېقىنىنىڭ سۈرئىتى تەدرىجىي ئاستىلايدۇ، بىر قىسىم ئۇششاق لاي - قۇملار دەريا سۈيى بىلەن دېڭىزغا قۇيۇلسىمۇ، لېكىن يەنىلا تەخمىنەن 400 مىليون توننا لاي - پاتقاق ۋە قۇم دانىچىلىرى دەريا تېگىدە تىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خېنەن، شەندۇڭ تەرەپتىكى دەريا قىنى يىلدىن - يىلغا ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، غايەت زور <دۆڭ سۇ يولى> شەكىللەنگەن، ئىككى قىرغاقتىكى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىن ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلەپ، خۇددى بوشلۇققا ئېسىپ قويۇلغاندەك بولۇپ قالغان.
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ قىنى ئىككى قىرغىقىدىن ئېگىز تۇرىدۇ. مۇبادا قىش يار ئېلىپ كەتسە ئاپەت يۈز بېرىدۇ. تارىختا خۇاڭخې دەرياسى كۆپ قېتىم يار ئېلىپ كېتىپ، ئىككى ئەتراپىدىكى خەلققە غايەت زور ئاپەت ئەكەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش ئارقىسىدا، 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، تېخى بىرەر قېتىممۇ ئاپەت يۈز بېرىپ باقمىدى.