نېمە ئۈچۈن سۇۋەيىش قانىلى <شەرقتىكى ئۇلۇغ سۇ يولى> دەپ ئاتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
150 نەچچە يىل بۇرۇن، ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەللەرنىڭ پاراخوتلىرى غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا بېرىپ سودا قىلىشتا جەزمەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. 1859 - يىلىدىن باشلاپ، مىسىر خەلقى ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر سۈنئىي قانال - سۇۋەيىش قانىلىنى قېزىپ، قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بىلەن ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇردى، غەربىي ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى، بۇ ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلانغانغا قارىغاندا 8000 - 10000 كىلومېتر دېڭىز مۇساپىسىنى قىقارتىپ، يۈرۈش ۋاقتىنى 10 كۈندىن 40 كۈنگىچە ئازايتتى. بۇ قانالنىڭ ئېچىلغانلىقى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ ئىقتىسادى، دېڭىز قاتنىشى ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيىسى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ماركىس ئۇنى <شەرقتىكى ئۇلۇغ سۇ يولى> دېگەنىدى.
سۇۋەيىش قانىلى شىمالدا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى سەئىد پورتىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا قىزىل دېڭىزدىكى سۇۋەيش پورتىغىچە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 172.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. قانالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىسمائىلىيە شەھىرىدە قانالنى مەمۇرىي باشقۇرۇش مەركىزى بار. ئىسمائىلىيىدىن ئۆتۈپ، قانالنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا، ئىككى چوڭ - كىچىك كۆل ئۇچرايدۇ، بۇ يەر ئەسلىدە قۇرۇق كۆل بولۇپ، قانال قېزىلغاندىن كېيىن سۇ بىلەن تولغان. قانال ئانچە كەڭ بولمىغاچقا، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پەقەت قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا قاراپ ماڭغان پاراخوتلارنىڭلا ئۆتۈشىگە، چۈشتىن كېيىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن قىزىل دېڭىزغا قاراپ ماڭغان پاراخوتلارنىڭلا ئۆتۈشىگە يول قويۇلىدۇ. ھازىر، بۇ قانالدىن ھەر كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرەر يۈزچە چوڭ - كىچىك پاراخوتى ئۆتۈپ ئاجايىپ جىددىي مەنزىرە پەيدا قىلماقتا.