قانداق قىلغاندا لەگلەكنى ئاسمانغا چىقارغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
لەگلەك ئۇچۇرغاندا ھەممىلا ئادەم ئۇنى ئاسمانغا چىقىرالىشى ناتايىن، لەگلەك ئۇچۇرۇشقىمۇ پەم كېرەك. ئەگەر كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتسىڭىز، ئاسماندىكى لەگلەكنىڭ شامالغا قارشى ئۇچۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەۋدىسىنىڭ تۆۋەنگە قىيسىيىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايسىز، مانا بۇ لەگلەك ئۇچۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. شۇڭا لەگلەك ئۇچۇرغاندا ئالدى بىلەن لەگلەكنى شامالغا قارشى ئۇچۇرش كېرەك، شامال لەگلەككە تەگسە شامالغا بېسىم كۈچى پەيدا قىلىدۇ، مۇشۇ بېسىم كۈچى لەگلەكنىڭ يۈزىگە بىۋاستە تېگىدۇ. لەگلەكنىڭ يىپىنى تەڭشەپ، لەگلەكنىڭ يۈزىنى پەسكە قارىتىش لازىم. بۇ چاغدا ئۇدۇلدىن كەلگەن شامالنىڭ ئۇنىڭغا بولغان بېسىم كۈچى ئۇنى يۇقىرىغا بولىدۇ. شامالنىڭ يۇقىرىقى بېسىم كۈچى ئۇنى ئاسانلا ئاسمانغا ئاچىقالايدۇ. ئەگەر شامال بوش ۋاقىتتا لەگلەك ئۇچۇرسىڭىز، لەگلەك يپىىنى تارتىپ ئالدىڭىزا يۈگۈرۈپ، شامالنىڭ لەگلەكنى يۇقىرى ئۆرلىتىش بېسىم كۈچىنى ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. بەزىدە بىز لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتقان ئادەمنىڭ جايىدا تۇرۇپ لەگلەك يىپىنى توختىماي تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ يىپنى تارتىش ئارقىلىق لەگلەكنىڭ يۈزىنىڭ تۆۋەنگە قىيسىيىش نۇقتىسىنى تەڭشەش بولۇپ، بۇنداقتا لەگلەك تېخىمۇ ئېگىز ئۇچىدۇ.
لەگلەك ئۇچۇرۇشنى دەسلەپ ئۆگەنگەن ئادەم ئەڭ ياخشىسى ئاستىغاقۇيرۇق ئۇلانغان لەگلەكلەرنى تاللىشى كېرەك. بۇنداق لەگلەكنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تېخىمۇ تۆۋەنگە قارايدۇ. تەڭپۇڭلۇقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، لەگلەكنى ھەقىقىي ياخشى ئۇچۇرۇش ئۈچۈن دائىم مەشىق قىلىش لازىم.