UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچە يېمەكـلىكلەر تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟

ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچە يېمەكـلىكلەر تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئايلىق بوۋاقلار تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ: 1. كۆكتات تۇخۇم تۈرمىلى. بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ ئازراق تۇز سېلىپ تەكشى ئېلەشتۈرگەندىن كېيىن تاۋىغا تۆكۈپ مايدا پوشكال قىلىپ پىشۇرىمىز، ئۇششاق توغرالغان سەۋزە ۋە باش پىيازدىن ھەر بىرىدىن بىر قوشۇقتىن ئېلىپ مايدا يۇمشاق قورۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پىشۇرۇلغان گۈرۈچ تامىقىدىن بىر پىيالە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تۇخۇم پوشكىلىنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ تۈرمەل قىلىپ ئوراپ، ئۇنى كىچىك - كىچىك كېسىپ بوۋاققا يېگۈزسەك بولىدۇ. 2. كۈنجۈت مەلھىمى تۈرمىلى. ئۇندىن 05 گرام، سېرىق پۇرچاقتىن بەش گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ بولدۇرۇش؛ كۈنجۈت مەلھىمىدىن بەش گرام ئېلىپ ئازراق تۇز بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇش؛ بولدۇرۇلغان خېمىرنى سودا سۈيىدە تەكشى ئىشلىۋېتىپ، 5.0 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا ئېچىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت مەلھىمىنى تەكشى سۈركەپ ئاندىن تۈرمەل شەكلىدە ئوراپ، پىچاق بىلەن ئىككى سانتىمېتىر چوڭ - كىچىكلىكىدە كېسىپ، قاسقاندا دۈملەپ پىشۇرساق بولىدۇ. 3. مېزىلىك چۈرۈك بېلىق پارچىسى. بېلىق گۆشىدىن 50 گرام ئېلىپ يالپاقلاپ توغراپ، ئازراق سېرىق ھاراق، پىياز قىيمىسى، تۇز، ئاق شېكەر سېلىپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، كۈنجۈتنى پاكىز يۇيۇپ سۇس ئوتتا قورۇپ پىشۇرۇپ ئېزىپ كۈنجۈت قىيمىسى ياسايمىز؛ توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ تەكشى ئىلەشتۈرۈپ ھەم ئازراق كراخمال، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلتۈرىمىز؛ ئاندىن بېلىق پارچىسىنى تۇخۇم ئۇمىچىغا سېلىپ ئىككى تەرىپىگە تەكشى سۈركەپ، ئۈستىگە كۈنجۈت قىيمىسىنى سېپىپ قول بىلەن چىڭ بېسىۋەتكەندىن كېيىن مايدا ئالتۇن رەڭگە كىرگۈچە پىشۇرساق بولىدۇ. 11 ئايلىق بوۋاقلارغا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى تاماق تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. 00:6 ئانا سۈتى. 00:8 بولكا، كالا سۈتى ياكى پۇرچاق سۈتى. 00:12 گۈرۈچ تامىقى، توخۇ تۇخۇمى، گۆش تۈرىدىكىلەر، كۆكتات. 00:15 پېچىنە، موما پارچىسى ھەمدە مېۋە.00:18 گۈرۈچ تامىقى، گۆش تۈرىدىكىلەر، كۆكتات ۋە شورپا. 00:21 ئانا سۈتى. تاماق تۈرلىرىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ تۇرۇش مەسىلەن: مانتا، تۈگرە، چۆچۈرە، موما، قاتارلىقلارنى ئېتىپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە