UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشىنى ھەسسىلەپ ئاسراش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشىنى ھەسسىلەپ ئاسراش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن سۈت چىشى گەرچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ، لېكىن بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور تەسىرى بار. بىرىنچى سۈت چىشى چىققاندىن باشلاپ ئىككىنچى تۇراقلىق چىش چىققۇچە بولغان بۇ بىر مەزگىل سۈت چىش دەۋرى دېيىلىپ، ئادەتتە تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىقتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بوۋاق بالىلىق دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈت چىش دەۋرىدە چىرىگەن چىشنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى يۇقىرىراق، زىيىنى چوڭراق بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئاغرىش، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى، تىل تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، چىشى ئەگرى - بۈگرى بولۇش، جىپسىلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە يەنە كېيىن تۇراقلىق چىشنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۈت چىشى چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىش چىرىشى مۇمكىن ھەمدە تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ. سۈت چىشىنىڭ چىرىش ئالامىتى تۇراقلىق چىشنىڭكىدەك روشەن بولمايدۇ، ئالامىتى يېنىك بولغاندا بوۋاق ئادەتتە دېيەلمىگەنلىكتىن ئاسانلا ئاتا - ئانا تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ. دائىم ئاغرىپ بوۋاق چىدىيالمىغاندا، چىش يىلىكى كېسىلى ياكى يىلتىز ئۇچى كېسىلىگە تەرەققىي قىلىپ بولغان بولۇپ، تاماق يېيىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇخلايدىغان ۋاقىتتىلا ئائىلە باشلىقىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇنلا ئاسراش ۋە داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقنىڭ سۈت چىشىغا نىسبەتەن، ئاتا - ئانا ئۇنىڭ چىققان ۋاقتىدىن باشلاپلا ھەسسىلەپ ئاسراش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشىنى ھەسسىلەپ ئاسراش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki