UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەمچەكتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرتوغرىسىدا قانداق تەييارلىققىلىش كېرەك؟

ئەمچەكتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرتوغرىسىدا قانداق تەييارلىققىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئەمچەكتىن ئايرىش — بالىنىڭ ئانا سۈتىدىن خوشلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە تۈگىمەيدۇ. بالىنىڭ سالامەتلىكى ماس كەلمەسلىك ياكى ئانا - بالا رىشتىسى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا قايتا - قايتا ئەمچەكتىن ئايرىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ، پەقەت ئەمچەكتىن ئايرىشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىق بولسا، تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بارسا، بالا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ. ھەرگىزمۇ بالىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى بەرمەيدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىشتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ياخشى قىلىش — ئەمچەكتىن ئايرىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىشنىڭ باشلانمىسى. تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە، يەنى سۈتلۈك پىرەنىك، گۈرۈچ تاماقلىرى، سۇيۇقئاش، ئۈگرە، سەي - كۆكتات، بېلىق گۆشى، گۆش قاتارلىقلارنى بېرىشكە بولىدۇ. ئازلىقتىن كۆپلۈككە، سۇيۇقلۇقتىن - قويۇقلۇققا، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ مېڭىش كېرەك. بالىلار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ئاستا - ئاستا ئەمچەكتىن ئايرىش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بالىنىڭ چىشى چىققاندىن كېيىن قاتتىقراق يېمەكلىكلەرنى چايناپ، سۈت بوتۇلكىسى، ئىستاكان ۋە قوشۇقتا بىر نەرسە يېيىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ تەييارلىقلىرى.
← بارلىق تېمىلار نەمە