بىر ياشلىق بالىلارغا ماتېماتىكىنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ماتىماتىكىنى ھەقىقىي ئۆگىتىشنى ئۈچ ياش ئەتراپىدا باشلاش كېرەك، بىر ياشلىق بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ماتېماتىكىنى ئۆگىتىشتىكى مەقسەت، بالىلارنىڭ سانلارغا بولغان تونۇشىنى پەيدا قىلىش، سانغا بولغان قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بالىلار شەيئىلەرنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكىنى تونىغاندا، ئۇنىڭغا ئاددىي سان <1> نى ئۆگەتسە بولىدۇ، ماتېماتىكا ئۆگىنىش بىر ئاز ئابستراكت بولۇپ، بالىلارغا ماتېماتىكىنى ئايرىم ھالدا ئۆگىتىشكە بولمايدۇ. ماتېماتىكىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، ئۆگىنىش جەرياندا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئويۇن ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، بالىلارغا تەبىئىي، كونكرېت ۋە قىزىقارلىق قىلىپ ئۆگىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە ماتېماتىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بالىلارغا تاماق بەرگەندە <قوزام، ئاۋۋال بىر قوشۇق يەڭ، ئاندىن يەنە بىر قوشۇق يەڭ> دېسە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىلار ئىختىيارسىزلا <1> دېگەن سان بىلەن يېقىنلىشىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئويۇن ئارقىلىق بالىلار دەسلەپكى قەدەمدە ماتېماتىكا توغرىسىدا چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. بۇ كېيىنكى كۈنلەردىكى ماتېماتىكا تەربىيىسى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ