ھامىلىدار ئاياللار ياڭاق يېسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياڭاقنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتى بولۇپ، خەلق ئارىسىدا <دائىم ياڭاق يەپ بەرسە، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ> دەيدىغان گەپ بار. جۇڭگو تېبابىتىدىمۇ ياڭاق مېڭىنى ساغلام قىلىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ ئۆپكىنى ياشارتىپ، جىگەرگە پايدا قىلىدۇ؛ مۇسكۇلنى چىڭىتىپ، تەننى ساغلام قىلىش ئىقتىدارى بار. داۋاملىق ياڭاق ئىستېمال قىلسا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، چاچنى قارايتىدۇ. نېرۋا ئاجىزلىقى، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارغا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر 100 گرام ياڭاق مېغىزىدا بەش كىلوگرام تۇخۇم ۋە توققۇز كىلوگرام يېڭى سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىغا تەڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى 2803 كالورىيە (670 كىلو كالورىيە) ئىسسىقلىق مىقدارى بار. ياڭاق مېغىزى ياغ كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى فوسفاتىد ھۈجەيرە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزىمنىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. مېڭىنى روھلاندۇرىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەپ كۈچەيتىدۇ ھەم قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى، چاچ ئۆستۈرۈش ھەتتا يارا ئېغىزىنىڭ تۇتۇشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. تەركىبىدىكى لىنولېئىك كىسلاتاسىنىڭ تېرە گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار. ھامىلىدار ئاياللار دائىم ياڭاق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى، سۆڭەك ۋە چاچ چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتىشىلىگە پايدىلىق ھەم ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم سندرومى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.