UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىككى ياشتىن ئىككى يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلار نىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار؟

ئىككى ياشتىن ئىككى يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلار نىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن يېمەك - ئىچمەكنىڭ تۈرى ۋە شەكىللىرىنى بارغانسېرى كۆپەيتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغىلى ۋە يېمەك - ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. يېمەكلىكنىڭ يېڭى، پۇراقلىق، تەملىك بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىكلەرنى پارچىلاپ، يۇمشاق پىشۇرغاندا بالىلارنىڭ يۇتۇشى ۋە ھەزىم قىلىشىغىمۇ پايدىلىق. يەنە بېلىق قىلتىرىقى، سۆڭەك قاتارلىقلارنى ئېلىۋېتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. تاماق پىشۇرغاندا قاينىتىش، دۈملەش، قاقلاش، قورۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مايسىز بولغىنى ياخشى، ئۇنىڭدىن باشقا بالىلارغا يود كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق يود تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى يود ئادەم بەدىنىدىكى ئا شەكىللىك قالقانسىمانبەزنىڭ شەكىللىنىشىدىكى زۆرۈر تەركىب بولۇپ، قالقانسىمانبەز ھورمونىنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئىككى ياشتىن ئىككى يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلار نىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki