UyghurWiki›نەمە›قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مېڭە ئىشلىتىش بىلەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەقلىي قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مېڭە ئىشلىتىش بىلەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەقلىي قابىلىيەتنى ئېچىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىرقى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشقا ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ. قەدىمكى كىشىلەرمۇ <تەربىيىنى گۆدەك ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك> دەيدۇ. ھازىرقى بۇ دەۋردە بۇنىڭغا تىل سىغماس بولۇپ كەتتى. بىراق نۇرغۇنلىغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىدە يەنىلا بىلىمنىڭ سىڭدۈرۈلۈشىگە دىققەت قىلىپ، قول ھەرىكەت ئىقتىدارىغا سەل قارايدۇ. چەت ئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بۇ نەزەرىيىگە گەرچە ئاساس سالغان بولسىمۇ، بىراق ئىلمىي تەجرىبىدە نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولغان. پۇت - قوللىرى كالامپاي بولۇپ قالغان. شۇڭا، كىچىكىدىن باشلاپلا مېڭىنى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە قول ئىشلىتىش ئويۇنلىرىنىمۇ كۆپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. قول ئىشلىتىش، مېڭە ئىشلىتىش ئويۇنىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بار. ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، بالىنىڭ مەشغۇلات ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. ئىككىنچىسى، بىلىم ئىگىلەشكە پايدىلىق. مەسىلەن: <جىسىمنىڭ لەيلىشى ۋە چۆكۈشى> دېگەندە، ئۇنىڭغا <قانداق نەرسە چۆكىدۇ، قانداق نەرسە لەيلەيدۇ> غانلىقىنى سوراش بىلەن بىرگە بالىنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىگە يول قويۇپ، نەتىجىسىنى ئاندىن چىقىرىش كېرەك. ئۈچىنچى، بالىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. بەزى بالىلار <جىسىمنىڭ لەيلىشى ۋە چۆكۈشى> دېگەن ئويۇننى ئويناۋاتقاندا، بىر پارچە سۇلياۋ كۇبىكنىڭ لەيلەپ چىققانلىقىنى، بىراق بۇ كۇبىكلارنى بىرگە قىلىپ تىزىپ قويسا سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل بايقاش <سۇلياۋ كۇبىك لەيلەيدۇ> دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قول ئىشلىتىدىغان، مېڭە ئىشلىتىدىغان ئويۇنلاردا بالا بىر تەرەپتىن ئويناپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىدۇ. بالا بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپىدۇ، بىراق قاتمال ھالەتتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى بالىنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىۋېتىپلا قالماي، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قىزىقىشى بارغانسېرى چېكىنىدۇ.