زەھەرسىز يىلانلارنىڭ زادىلا زەھىرى يوقمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
زەھەرسىز يىلانلارنىڭ زادىلا زەھىرى بولمايدۇ. لېكىن بىر مۇنچە ئادەملەرنى گېتېرودون يىلىنى، چىپارسۇ يىلىنى قاتارلىق زەھەرسىز يىلانلار چېقىۋالغاندىن كېيىن، يارا ئاغزى بىر نەچچە كۈنگىچە ئاغرىپ ئىششىپ كېتىدۇ، بۇ روشەنكى زەھەرلىنىشتۇر، ئۇنداقتا بۇ قانداق ئىش؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، زەھەرلىك يىلانلارنىڭ زەھەر بېزى ۋە زەھەر چىى بولىدۇ. ئەمما زەھەرسىز يىلانلاردا بولسا، زەھەر بېزى ۋە زەھەر چىشى بولمايدۇ، ئۇنداقتا، زەھەرسىز يىلان چېقىۋالسا نېمە ئۈچۈن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؟ ئەسلىدە يەر شارىدا ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان يىلانلار زەھەرسىز يىلانلار بولۇپ، زەھەرلىك يىلانلار زەھەرسىز يىلانلاردىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن. زەھەرلىك يىلانلارنىڭ زەھەر بېزى شۆلگەي بېزى ئىدى. زەھەر چىشى بولسا، بىر قىسم يىلان چىشلىرىنىڭ چوڭلاپ ئۇزىرىشى بىلەن تەدرىجىي بارلىققا كەلگەن. زەھەر بېزى بىلەن زەھەر چىشى زەھەرلىك يىلانلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق قىلىۋەتكەن، زەھەرسىز يىلانلاردا بۇنداق قورال بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مەزگىل تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ شۆلگەي بېزىدە ئۆزگىرىش بولغان.
زوئولوگلار تەتقىقات داۋامىدا زەھەرسىز يىلانلارنىڭ شۆلگىيىدىمۇ ئازدۇر - كۆپتۇر زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. كىشىلەر زەھەرسىز يىلاننىڭ شۆلگەي بېزىدىكى ئاجراتمىنى ئېلىپ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە ئوكۇل قىلىپ سالغاندا، ھايۋانلاردا زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. مەسىلەن، چىپارسۇ يىلىنىنىڭ شۆلگىيىدىكى توكسىن ئادە بەدىنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىنى بۇزۇپ، ئاغرىش، ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
زەھەرسىز يىلانلارنىڭ زەھەر بېزى ۋە زەھەر چىشى بولمىسىمۇ شۆلگىيىدە زەھەر بولغاچقا، چېقىۋالغاندىن كېيىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بىراق زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندەك ئۇنداق خەتىرى بولمايدۇ.