UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ۋىتامىن B1 <مېڭىنى كۈچەيتكۈچى ]ۋىتامىن> دېيىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ۋىتامىن B1 <مېڭىنى كۈچەيتكۈچى ]ۋىتامىن> دېيىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەم ئويغاق ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭ مېتابولىزمىدا خورايدىغان ئوكسىگېننىڭ مىقدارى پۈتۈن بەدەن خورىتىدىغان ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ 1/5~1/4 ىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ، چوڭ مېڭىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئاساسەن ھېموگلوبىن ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ، ۋىتامىن B1 بولسا ھېموگلوبىننىڭ ھاسىل بولۇشىغا قاتنىشىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئوكسىگېن توشۇش رولىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددا. شۇنىڭ بىلەن بىللە چوڭ مېڭە نورمال خىزمەت قىلغاندا يەنە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىنىدۇ، ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ ئىچىدە پەقەت كاربون - سۇ بىرىكمىسلا چوڭ مېڭە ئېنېرگىيىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولالايدۇ. ھالبۇكى كاربون - سۇ بىرىكمىسىنىڭ بەدەن ئىچىدىكى مېتابولىزمىغا چوقۇم ۋىتامىن B1 قاتنىشىشى كېرەك، شۇڭا كىشىلەر ۋىتامىن B1 نى <مېڭىنى كۈچەيتكۈچى ۋىتامىن> دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ۋىتامىن B1 <مېڭىنى كۈچەيتكۈچى ]ۋىتامىن> دېيىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki