ھامىلە يېشىدىن چوڭ بوۋاق دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلە يېشىدىن چوڭ بوۋاق تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى ئوخشاش ھامىلە يېشىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 90 پىرسەنت بىرلىكىنىڭ ئۈستىدە ياكى تەخمىنەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك پەرقىدىن چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگرامدىن ئېغىر تۇغۇلغان بوۋاقلار يەنە گىگانت بوۋاقلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: ھامىلە يېشى 38 ھەپتىگە توشقان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 08.3 كىلوگرام، 90 پىرسەنت بىرلىكىدىكى ئېغىرلىقى 558.3 كىلوگرام، ئەگەر ئېغىرلىقى 558.3 كىلوگرامدىن ئېغىر بولسا بۇ ھامىلە يېشىدىن چوڭ بوۋاق ھېسابلىنىدۇ. ئاتا - ئانىنىڭ بەدىنى چوڭ، ئېگىز بولغانلىقتىن ياكى ئانا ھامىلىدار مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق مول بولغانلىقتىن بەزى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭراق بولىدۇ، بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. ھامىلە يېشىدىن چوڭ ئەمما ساغلام تۇغۇلمىغانلىرى ئاساسەن باشقا سەۋەبلەردىن مەسىلەن ئانىنىڭ دىئابېت كېسىلى ياخشى كونترول قىلىنمىغان ۋاقىتتا تۇغۇلغان بوۋاق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.