يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش قانداق پەرۋىش قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى، تەكرار قوزغىلىدىغان نەپەس ۋاقىتلىق توختاش مېڭە زەخىملىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ. گاسلىق، مېڭە پالىچى، تۇتقاقلىق، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، تىلى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئاسارىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئۆيدە نەپەس ۋاقىتلىق توختاش كۆرۈلگەن ھامان، ئائىلە باشلىقى سۈنئىي (بېسىمنى ئاشۇرۇپ) نەپەسلەندۈرۈش ياكى قول بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئالقىنىنى شاپىلاقلاش ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بوۋاقنى تېزدىن ھوشىغا كەلتۈرۈش ياكى يىغلىتىپ نەپەسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپىسى ۋاقىتلىق توختاش ئۈزلۈكسىز ياكى كۆپ قېتىم قوزغالسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى كېسەللىك ئاسارىتى قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.