بالىلاردىكى زىققە كېسىلى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلاردىكى زىققە كېسىلى بولسا — كاناي زىققە كېسىلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار:
1. بىمارلارنىڭ يېشى ئادەتتە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بولىدۇ، كېسەلنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بولىدۇ.
2. كېسەل قوزغالغاندا، نەپەسلىنىش جەريانىدا ئاڭلاش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۆپكىنىڭ ئىككى قانىتىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، كېسەل ئېغىرلاشقاندا ئاڭلاش ئەسۋابىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. نەپەسلەنگەن ۋاقىت ئادەتتىكى ۋاقىتقا قارىغاندا بىر ئاز ئۇزۇن بولىدۇ.
3. بالىلارنىڭ تېنى زىيادە سەزگۈرچان بولۇپ كېتىدۇ.
4. ئاتا - ئانىلار زىققە كېسەل تارىخى بولىدۇ، ئەگەر بالىدا يۇقىرىقى ئىپادىلەر كۆرۈلسە ياكى ئالاھىدىلىكلەر بولسا، زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.