UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار ياغنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟

بالىلار ياغنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئىككى ياش ئەتراپىدىكى بالىلار ياغ مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرگە ناھايىتى ئامراق بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەر يۇمشاق، تەملىك. شۇڭا بالىلار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېۋالىدۇ. بىراق، بالىلارغا ياغ مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى چەكلىمىگەن ئاساستا بېرىۋەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى زور خەۋپى بولۇپ، يېتىلگەندىن كېيىن بەدىنى سېمىز، تاجسىمان يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداقلا ياغنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، ياغنىڭ بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يىغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر مېڭە سىستېمىسىدا توپلانغان ياغلار بەلگىلىك مىقدارغا يەتسە <سېمىز مېڭە> نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ، ئىلمىي ھەم مۇۋاپىق ھالدا ياغ تولۇقلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلار ياغنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki