UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارى، تەپەككۇرى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى بىر - بىرىگە ماسلاشقان ۋە بىر - بىرىنى تولۇقلىغان بولىدۇ. تەپەككۇر ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بولسا بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم شەرت ۋە ئاساس، شۇنداقلا بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، تەپەككۇر ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ، تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشى ۋە تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك: 1. ئاتا - ئانا ئادەتتە بالىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشى كېرەك. بالىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىش ئارقىلىق، بالىلارغا تىل جەھەتتە ئىپادىلەش پۇرسىتىنى تۇغدۇرۇپ بەرگىلى، ھەر ۋاقىت بالىنىڭ تىل جەھەتتىكى ساقلانغان مەسىلىلىرىنى بايقاپ، ۋاقتىدا تۈزەتكىلى بولىدۇ. 2. بالىلارنى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى سۆزلەشكە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق. 3. بالىلاردىن كۆپرەك سوئال سوراش ھەم سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق. 4. بالىلار ناخشىسى، ھېكايە ۋە رەسىمگە قاراپ ھېكايە سۆزلەش قاتارلىق خىلمۇخىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە سۆزلىگەندە ئىمكانقەدەر توغرا، راۋان سۆزلەپ، بالىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوچۇق، تولۇق ئىپادىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، بالىلارنى ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولغان سۆزلەرنى قايتىلاشقا مەجبۇرلىماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ۋە گرامماتىكا جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki