UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كۆمۈر گازىنىڭ ئورنىغا تەبىئىي گاز ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆمۈر گازىنىڭ ئورنىغا تەبىئىي گاز ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر تۇرۇبىلىق كۆمۈرگازىنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپ قولايلىقلارنى ئەكەلدى. ئەمما، نۇرغۇن شەھەرلەردە بىر خىل تېخىمۇ پاكىز ئېنېرگىيە - تەبىئىي گاز ئاستا - ئاستا گازنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىۋاتىدۇ. كۆمۈر گازى كۆمۈرنى گازلاندۇرۇش ۋە سۇيۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھىدروگېن، كاربون چالا ئكسىد ۋە مېتان (پاتقاق گازى)، بۇنىڭ ئىچىدە كاربون چالا ئوكسىد زەھەرلىك. كۆمۈر گازى ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا گۈڭگۈرت ۋە كاربوننىڭ ئوكسىدلىرى چالا ئوكسىد قاتارلىق كۆپلىگەن ھاۋا بۇلغانمىلىرى ۋە قاتتىق داشقال ھاۋاغا چىقىپ كېتىدۇ. تەبىئىي گازنىڭ ئاساسىق تەركىبى بولسا مېتان (پاتقاق گازى)، ئۇ كۆيگەندىن كېيىن كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە سۇ ھاسىل بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گاز تۇلۇق كۆيگەندىن كېيىن 35 مىڭ كىلو جوئۇل ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ، بىر كۇب مېتىر كۆمۈر گازى تولۇق كۆيگەندىن كېيىن 16 مىڭ كىلو جوئۇل ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. دېمەك، تەبىئىي گاز چىقارغان ئىسسىقلىق ئۆلچەش ھەجىمىدىكى تولۇق كۆيگەن كۆمۈر گازى چىقارغان ئىسسىقلىقتىن ئىككى ھەسسە كۆپ. تەبىئىي گازنىڭ كۆپىنچىسى يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك قالدۇقلىرىنى باكتېرىيىنىڭ پارچىلىشى ئارقىسىدا شەكىللىنىدۇ، يەنە بىر قىسمى يەر ئاستىدىكى كۆمۈرنىڭ تولۇق كۆيمەي چىرىشىدىن شەكىللىنىدۇ. تەبىئىي گاز كۆمۈر گازىغا قارىغاندا قېزىش تەننەرخى تۆۋەن، بىخەتەر، كۆيۈش ئۈنۈمى يۇقىرى، بۇلغىنىش ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھازىر تەبىئىي گاز نېفىت ۋە كۆمۈردىن كېيىنكى ئۈچىنچى چوڭ ئېنېرگىيە بولۇپ قالدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر تەبىئىي گازنى كۆمۈر گازى، كۆمۈر، نېفىتنىڭ ئورنىدا تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان ئېنېرگىيە كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن كۆمۈر گازىنىڭ ئورنىغا تەبىئىي گاز ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki