نېمە ئۈچۈن خۇش پۇراقلىق گۈللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاق ياكى سۇس رەڭلىك بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇن گۈللەر بەزىدە سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ: ئۇلار قارىماققا رەڭدار ھەم كۆركەم بولسىمۇ لېكىن خۇش پۇرىقى ئاز؛ بەزى ئاق گۈللەر، رەڭگى ئادەتتىكىدەك گۈللەرنىڭ بولسا خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇۇرلۇپ كىشىنى مەستىخۇش قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېچىلىشى ئادەملەرنىڭ ھۇزۇر ئېلىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئېھتىياجى ئۈچۈندۇر. ھاشاراتلار ئارقىلىق چاڭلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلىنىڭ رەڭگى ۋە خۇش پۇرىقى ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن چاڭلاشتۇرۇش جەريانىدا، ھاشاراتلارنىڭ گۈل چېچەكلەرگە بولغان تەلىپى ئادەملەردەك ئۇنداق قاتتىق بولمايدۇ، يەنى ئادەملەردەك ئۇنداق ھەم راڭدار، ھەم خۇش پۇراقلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى، كېپىنەك قاتارلىقلار پەقەت گۈلنىڭ رەڭگىگە ئاساسلىنىپلا ئۆزلىرى ھەسەل يىغىشقا باب كېلىدىغان گۈل ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئەمما گۈلنىڭ خۇش پۇرىقى ئۇلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئەمەس ياكى رول ئوينىمايدۇ، لېكىن بەزى ھاشاراتلار، مەسىلەن، پەرانە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە گۈللەردىن تارقالغان پۇراققا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن گۈللەرنىڭ چىرايلىق بولۇش - بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس. بىزگە ئايانكى، جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ھامان ئۆزىنىڭ تېنىدىكى ئارتۇق نەرسىلەرنى ئۈزلۈكسىز تاشلايدۇ. گۈل - چېچەكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ شۇنداق. رەڭ سىگنالى ھاشاراتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىغاندىكىن، خۇش پۇراق چىقىرىش ئارتۇقچە؛ ئوخشاشلا گۈل - چېچەك چىقارغان خۇش پۇراق ھاشاراتلارنى تەكلىپ قىلالىغاندىكىن، جەزبىدارلىقنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چىرايلىق گۈللەر خۇش پۇراقلىقئەمەس، خۇش پۇراقلىق گۈللەرنىڭ ھەممىسى ئاق رەڭلىك ياكى سۇس رەڭدە. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر خىل تەبىئىي تاللىشى.
شامال ئارقىلىق چاڭلىنىدىغان گۈللەر بىلەن سۇ ئارقىلىق چاڭلىنىدىغان گۈللەرگە كەلسەك، ئۇلار شامال ۋە سۇغا تايىنىپ چاڭلىشىدۇ، شۇڭا بۇ خىل گۈللەر چىرايلىق ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇش پۇرىقىمۇ يوق.