مېڭە تۇبېركۇلوز پەردە ياللۇغىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ خىل كېسەللىك كۆپىنچە ئاستا - ئاستا قوزغىلىدۇ، دەسلەپكى ۋاقىتتا بىماردا بوشراق قىزىش، كېچىسى قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا قاتتىق تەرلەش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بىراق ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىدە يىرىڭلىق مېڭە پەردە ياللۇغىغا ئوخشاش ناھايىتى تېزلا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ياندۇرۇش، تارتىشىش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بىمارنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن: ئەسلىدىكى شوخ، كەپسىز بالا تۇيۇقسىزلا روھسىز، ھارغىن، چۈشكۈن ياكى ئۇيقۇغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ شۇنداقلا روھىي جەھەتتە غىدىقلىنىپ، قاتتىق ۋەھىمە، قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا - ئاستا كېسەلنىڭ كەيپىياتى ئېغىرلىشىپ، بىماردا باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر، ئېغىر بولغاندا تارتىشىش، نەرسىلەرنى ئوچۇق كۆرەلمەسلىك، تەپەككۇر قىلالماسلىق، بوينى قاتتىق بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ھەتتا ھوشىدىن كېتىش، نەپەس تەرتىپسىز بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بالىلاردا يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بولۇپمۇ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولسا، دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، داۋالاشتىكى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك.