نېمە ئۈچۈن بېلىقنى كۆپ يېيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بېلىق ئوزۇقلۇق مىقدارى ناھايىتى مول بىر خىل يېمەكلىك. ئۇنىڭ تېنىدە چوڭ مېڭە ئۈچۈن مۇھىم بولغان DHA دەيدىغان بىر خىل ئوزۇقلۇق ماددا بار. ئۇ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى، بولۇپمۇ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ماددىنىڭ بېلىق تېنىدىكى تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى. كالا يېغى، باقىلە (دادۇر)، تاتلىقياڭيۇ، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە DHA بولمايدۇ. ئەگەر ئاياللار ھامىلدار ۋاقتىدا تېنىدە DHA كەمچىل بولسا، ھامىلە چوڭ مېڭىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ؛ لېكىن سۈت ئېمىۋاتقان بوۋاقلار سۈتتىكى DHA نى قوبۇل قىلىپ، چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بولۇپمۇ بەش - ئالتە ياشقا كىرگەن بالىلار بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تازا يېتىلىۋاتقان ۋاقىت، بېلىقنى كۆپ يەپ بەرسە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتكىلى، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ياشانغانلار بېلىقنى كۆپ يېسە، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق، DHA نىڭ ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
بېلىق تېنىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ كىسلاتالارنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسى بار. بېلىق گۆشىدە مول كالتسىي، ماگنىي، كالىي، ناترىي، فوسفور ۋە ئاز مىقداردا گۈڭگۈرت، تۆمۈر، مىس ۋە يود قاتارلىقلار بار، بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلاردۇر.
بېلىق مېيىدا تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ قاندىكى خولىسترولنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. مېڭىدە قان نۆكچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتالايدۇ ھەمدە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرىغىلى، ياللۇغىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بېلىقنى كۆپ يېسىڭىز، ئۆمۈر بويى مەنپەئەت ئالىسىز.