UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارنى تاۋۇش چىقىرىشقا قانداق جەلپ قىلىش كېرەك؟

بوۋاقلارنى تاۋۇش چىقىرىشقا قانداق جەلپ قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېرىم ياشقا كىرگەن بوۋاقلارغا تىلىنى مەشىق قىلدۇرۇشتا ئاساسلىقى تاۋۇش چىقىرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقلاردا چوڭلارنىڭ سۆزىگە قارىتا ئىنكاس پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. چوڭلار بوۋاقلارغا بىر قىسىم ئاددىي سۆزلەرنى قىلغاندا، قايتا - قايتا بىر قانچە قېتىم ئېيتىپ ھەم قىزىقتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن <سۆزلىشىش> كېرەك. بوۋاقلار سۆزلەشكە باشلىغاندا، بىر قىسىم سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشقا باشلايدۇ. ناھايىتى ئاددىي، قىسقا ھالەتتە، ئۈزۈپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. ئاستا - ئاستا ئاۋازىنى سوزۇشقا، كۆتۈرۈشكە، ئاندىن كېيىن بىر قىسىم ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىشقا باشلايدۇ. بەش ئايلىق بولغاندا، سوزۇق تاۋۇش، ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن قوشۇپ سۆزلىيەلەيدۇ. ئاندا - ساندا <ئاپا> دەپمۇ قويىدۇ. بوۋاقلار ئۆزى چىقارغان ئاۋازغا ناھايىتى قىزىقىدۇ. بىر ئادەمنىڭ دائىم يېنىدا تۇرۇپ گەپ قىلىپ بېرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بەش ئايلىق بولغاندىن كېيىن لەۋ ۋە تىلى بىلەن ئاۋاز چىقىرىشقا باشلايدۇ، بەزى بوۋاقلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە <تىلىنى يارىتىدۇ، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر خىل ئالاھىدە ئاھاڭ بىلەن ئۆزىنى بەزلەيدۇ. كۆزلىرىنى ئاللىقاچان يۇمۇۋالغان بولسىمۇ يەنە بىر نېمىلەرنى دەپ توختىمايدۇ. يېرىم ياشقا كىرگەن بوۋاقلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىشقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى مەقسەتلىك ھالدا: 1. كۆپ سۆزلەش، بوۋاق ئاۋۋال ئاڭلاشتىن باشلاش، قانچە كۆپ ئاڭلىغانسېرى، شۇنچە بالدۇر تىلى چىقىدۇ. 2. سۆزلىگەندە، بوۋاققا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەش. 3. سۆزلىگەندە ئىخچام ھالدا قايتا - قايتا سۆزلەپ، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش. 4. بوۋاقلارنىڭ سۆزلىشىنىڭ توغرىلىقىنى بايقىغاندا مۇشۇ سۆزنى بالغا قايتا - قايتا دېگۈزۈپ، چوڭلارنىڭ تەلەپپۇزىنى دورىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە